×
Image

مېيىتنىڭ شەرىئەت بويۇنچە يۇيۇلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مېيىت قايسى ئۇسۇل بىلەن يۇيىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

ھەج ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەج قىلدى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟.

Image

جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكا بىلەن ئىسلام بانكىسى ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئىسلام بانكىسى جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلمىسا، قانداق پايدا ئالىدۇ؟ بانكىنىڭ نېمە مەنپەئەتى بولىدۇ؟، قىلغان خىزمەتنىڭ بەدىلىگە ئالغان پۇل جازانە قاتارىغا كىرەمدۇ؟، ئىسلام جازانە مۇئامىلىسى دەپ قارايدىغان مۇئامىلە نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)

ئىنسانغا جىننىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىنسان قىيامەت كۈنى جىن ئەزىيەت يەتكۈزگەندىن كىيىنكى ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

سىلەرنىڭ روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەرنىڭ  روزىسى توغرا ئەمەس دېگەن بەزەن جاۋاپلىرىڭلارنى ئوقۇدۇم، ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە ناماز ئوقۇپ روزا تۇتمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ،  ناماز ئوقۇپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ،  ھەج قىلىپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ ھەججى دۇرۇس بولامدۇ؟

Image

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بانكا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سىياسەتتە، بانكا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ كىپىللىكى ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ كىپىللىكى بىلەن قەرز بېرىدۇ، 60% نەخ پۇل، 40% سېتىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، پايدا نەخ پۇلنى بانكىدىن ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سېتىلىدىغان نەرسىلەرگە بولسا تاپشۇرۇپ ئىلىپ 45كۈن بولغاندىن كېيىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىش جازانە بولامدۇ؟ ئەگەر جازانە بولسا،....

Image

كەبە شەرىپنى سۆيۈش شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن - (ئۇيغۇرچە)

ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى جەريانىدا كەبىنى سۆيۈش توغرىمۇ؟

Image

ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت - (ئۇيغۇرچە)

ھەجگە نىيەت قىلغان كىشى نېمە ئۈچۈن ئېھرام كىيىمى كىيدۇ؟ بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟

Image

يۇرت ئەھلى بىلەن بىرگە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا ئاينى كۆرگەنلەر بىلەن بىرگە روزا تۇتامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە شەبان(بارات ئېيى) ۋە رامىزاننى تولۇق 30 كۈن ھېسابلايدىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ۋىتىر نامىزىنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش ۋاجىپمۇ؟، ئەگەر ئۇ دۇئانى ياد بىلمىسە نېمە ئوقۇيدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيدىغان دۇئانى ياد قىلىشتىن قىينىلىپ قالدىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇ دۇئانىڭ ئورنىغا باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم. ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ياد قىلىشقا ئۇرۇندۇم، ناماز ئارىسىدا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ يېنىمدا قويۇلغان شېرەدىن دۇئا يېزىلغان كىتابچىنى ئىلىپ قاراپ ئوقۇدۇم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرىمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ بىشىنىڭ يىرىمى ئاغرىيدىغان ئىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟. رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتە رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلەر بىلەن روزا تۇتسىمۇ بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتە شەئبان ۋە رامىزان ئايلىرىنى 30 كۈن تولۇقلايدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. كىشىلەرنىڭ رامىزان توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.