×
Image

ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتىنى زېمىندا يېيىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

Image

ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ھەجنىڭ پەرىز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

IslamHouse.com - (ئۇيغۇرچە)

IslamHouse.com تور دۇنياسىدىكى كۆپ تىللىق ۋە ئەڭ چوڭ ئىسلامى توربېكىتى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق دۇنيا تىللىرىدا كىتابلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر، سىن ئالغۇ ۋە ئۈن ئالغۇلار، ئىسلامى ئەپلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەرلەر ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. https://islamhouse.com/ug/main

Image

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا سەمىمىيەت بىلەن بويسۇنۇش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ2/8/1430ھـ2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا دىننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دۇنيا -ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار، «توغرا يولدا مېڭىش» دېگەن سۆزنىڭ ئىسلام ۋە شەرىئەت تەقەززاسى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتتىن ناھايىتى مول....

Image

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/8/1430ھـ 2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ئىنسان ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكىتى، رەھمىتى ۋە رازىلىقنى قولغا كەلتۈرسە، ئۇلارغا ئازار بېرىش ۋە پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ غەرىپى ۋە لەنىتىگە....

Image

ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى - (ئۇيغۇرچە)

سەپەردە ئاياللارغا ئاياللار مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

Image

گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 19/3/1431ھـ2010-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئەخلاقنىڭ دىن ۋە كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى جىددى ئالاقىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۇستىدە توختالدى.

Image

قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش بالىلار پروگراممىسى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش پروگراممىسى(ئەممە پارە) ياش ئۆسمۈرلەر ۋە قىسقا سۈرىلەرنى يادلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ، تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، ئىشلىتىشكە قولاي، خالىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تاللاپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاش ۋە ئوقۇش مۇمكىن.

Image

ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ خەتىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/2/1431ھـ/2009-يىلى01-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقى، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ئىنسان ھاياتىغا زۆرۈر بولغان بارلىق ئامىللاردا شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى لازىم تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

سېكولارىزمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

سېكولارىزمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ناملىق بۇ ئەسەردە، سېكولارىزمنىڭ ھەدەپ ۋە نىشانى، سېكولارىزمنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ناملىق بۇ ماقالىنى دىنى زىيالى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئاپتۇر ماقالىنىڭ ئومۈمى مەزمۇنىنى ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە يېغىنچاقلايدۇ. "تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلاندۇرىدىغان پۇشايماندۇر. پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق كىلىچەكنى ئىسلاھ قىلىش دىمەكتۇر".

Image

ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.