×
بۇ قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش پروگراممىسى(ئەممە پارە) ياش ئۆسمۈرلەر ۋە قىسقا سۈرىلەرنى يادلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ، تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، ئىشلىتىشكە قولاي، خالىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تاللاپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاش ۋە ئوقۇش مۇمكىن.
ئىزاھات: بۇ پروگراممىنى يېشىپ پەنسانارىڭىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن ھۆججەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ھۆججەتنى بېكىتىمىزدە ئىلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، پروگراممىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ۋە تۇزۇپ چىققان، مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىپ چىقىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدىكى قېرىنداشلارغا جانابى ئاللاھتىن چەكسىز ساۋاب ۋە ئۇتۇق تىلەيمىز.
دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلىمى تەسىس قىلىنغان ئۈچ يىلدىن بۇيان مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى گۇللەندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئىمانى بۇرچى ۋە مىللى مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇپ بېكەت تەرەققىياتىغا يېقىندىن تۆھپە قوشقان ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۈيۈك ئەجىر تىلەيمىز ۋە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پروگرامما ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆز بىلىملىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتكە پايدىلىق بولغان دىنى پروگراممىلارنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بۆلىمى گۇرۇپپىسى