×
Image

پىتىر سەدىقىسىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغۇچە رامىزاننىڭ روزىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟. ئەگەر روزىدار ئۆزى ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بولسا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ياكى باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرئى دەلىللەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۇ كىشىنىڭمۇ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى پەرز بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

ۋىتىر نامىزىنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇش ۋاجىپمۇ؟، ئەگەر ئۇ دۇئانى ياد بىلمىسە نېمە ئوقۇيدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيدىغان دۇئانى ياد قىلىشتىن قىينىلىپ قالدىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇ دۇئانىڭ ئورنىغا باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم. ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ياد قىلىشقا ئۇرۇندۇم، ناماز ئارىسىدا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ يېنىمدا قويۇلغان شېرەدىن دۇئا يېزىلغان كىتابچىنى ئىلىپ قاراپ ئوقۇدۇم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرىمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ بىشىنىڭ يىرىمى ئاغرىيدىغان ئىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟. رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

ئۈچ مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ھەدىس توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى بىر ھەدىسنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەدىس سەھىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

قىز-خانىملارنىڭ ئۆيدە قىلغان ئىېتىكاپى توغرا بولمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلسا بولامدۇ؟، تاماق تەييارلايدىغان ئىش بولسا قانداق قىلىدۇ؟، بۇ توغرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلسا بولاۋىرەمدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئېتىكاپ قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

ئېتىكاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

ئىېتىكاپنىڭ شەرتلىرى قايسى؟، ئېتىكاپ قىلغاندا روزا تۇتۇش كېرەكمۇ؟، ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىسا، چاقىرغان جايلارغا بارسا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلسا، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بارسا ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا بارسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

روزا ئۈچۈن بولغان تەكلىپىي ھۆكۈمنىڭ تۈرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

روزىدىكى تەكلىپىي ھۆكۈملەرنىڭ تۈرلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

ئايالى روزا تۇتۇشنى خالىمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

قېرىندىشىم دىندار بولسىمۇ لېكىن ئايالى دىنى چۈشەنچىسى يوق ئايال، رامىزان ۋە روزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىرەر تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق، قېرىندىشىم ئايالىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتە بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىغا ھىدايەت تىلەپ، ئۆزگىرىشىنى تىلەپ، بۇ ئىشتا ئۆزىگە سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئايالى ھېچ ئۆزگىرىدىغاندەك....

Image

رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغان ياكى ئېغىز ئاچقان كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بالاغەتكە يەتكەن، روزا تۇتالايدىغان بىر ئادەم رامزاندا روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟، دۇنيادا ئۇ كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

تۆۋەندىكى كىشىلەرگە روزا تۇتۇش پەرزمۇ؟ شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

كېچىك بالا بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتتى، رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇش جەريانىدا بالاغەتكە يىتىپ قالدى، ئۇ بالا شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ شۇنىڭدەك، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھەيىزدار ئايال ھەيىزدىن پاك بولسا، ساراڭ ئەقلىگە كەلسە، مۇساپىر روزا تۇتمىغان ھالەتتە سەپەردىن قايتىپ كەلسە، روزا تۇتمىغان كېسەل رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ساقايسا، مەزكۇر كىشىلەر شۇ....

Image

تائامنىڭ قالدۇقلىرى مەقسەتسىز گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

سۇھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن چىشىمغا تۈزگۈچ قويىمەن، چىشىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى تاماق قالدۇقلىرىنىڭ تۈزگۈچكە ئىلىنىشىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن، بىر پارچىنى چىقاردىم يەنە بىر پارچىسى گىلىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ ياكى قازاسىنى قىلمىساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.