×
Image

ۋىدالىشىش تاۋاپى پەقەت ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دۇرۇس بولىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

زۇلھەججە ئېيىنىڭ 12- كۈنى (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى) ئەتتىگەندە ھەرەمگە كىرىپ، ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىپ، ئاندىن مىناغا قايتىپ شۇ كۈنلۈك تاشنى ئېتىپلا ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بىر كىشى پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىنى سېتىپ ھەرەمگە يولغا چىققان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ئەجەل يىتىپ ۋاپات بولسا، بۇ قانداق بولىدۇ؟ ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇقىم تۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن، ئۆتكەن يىلى ئېككى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن مەھرەمسىز ھالدا ھەج قىلدىم، بۇ توغرا بولامدۇ؟

Image

زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ تۇنىستىن فرانسىيىگە سەپەر قىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن فرانسىيدە ياشايتتى، ئەگەر ئۇنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمىسا سەپەرنىڭ ھەممىسىدە مەھرىمى ھەمراھ بولىشى كېرەكمۇ؟، ئايالنى يولدىشى ئايدۇرۇمدىن يولغا سىلىپ قويسا، دادىسى يەنە بىر شەھەردە ئايدۇرۇمدا كۈتۈۋالسا بۇ مەھرەملىككە كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە....

Image

ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئاددا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ھەجگە ئېھرام باغلاپ ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئادا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

دىنى جەھەتتىن ئىماملىققا لايىق ئەمەس كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بىزگە مەسچىتتە دائىم جامائەتنىڭ ھەممىسى ياقتۇرمايدىغان بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتىۋالىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئەگەر مۇشۇ ئادەم ئىمام بولىۋالسا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايمىز دەپ قەسەم قىلدى، ئەتراپتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئىمام سەۋەپلىك مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايدۇ، بىلىشىمىزچە بۇ كىشى قۇرئاندىن بىر قانچە قىسقا سۈرىلەرنى بىلىدىكەن، نامازغا ئالاقىدار پىقھى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت....

Image

جامائەت بار سەپكە يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى رۇكۇ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئەسىر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كىردىم، ئىمام رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتتى، مەن ئاخىرقى رەكەتنى تېپىش ئۈچۈن جامائەت بار سەپكە كەلمەي تۇرۇپلا رۇكۇ قىلدىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

كېچىكتۈرسە تۆلەم تۆلەش شەرتى بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋېلىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر....

Image

ھەيزنىڭ ئەڭ ئۇزاق ۋاقتى ئون بەش كۈن بولىدۇ دېگەن سۆزنىڭ دەلىلى نېمە؟، پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئون ئۈچ كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە بولىدۇ دېگەن سۆزىدە تايانغان دەلىللەر قايسى؟، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەرنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

ھەج ئىبادىتىنىڭ پايدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

Image

خىرىستىئانلارنىڭ كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆرگەن نەرسىگە ئىشىنىش ھەققى يوقمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئۇزۇندىن بىرى جاۋابىنى تاپالمىغان بىر سوئال مېنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى، كىرىسقا مىخلانمىغانلىقى لېكىن خرىستىئانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغانلىقى ئوخشىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن تەبىئىيكى خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار شۇنداق ئېتىقادتا بولۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى، كۆز....

Image

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان شەخسى نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.