×
Image

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە....

Image

ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش بالىلار پروگراممىسى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش پروگراممىسى(ئەممە پارە) ياش ئۆسمۈرلەر ۋە قىسقا سۈرىلەرنى يادلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ، تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، ئىشلىتىشكە قولاي، خالىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تاللاپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاش ۋە ئوقۇش مۇمكىن.

Image

ھەج ۋە ئۆمرە توغرىسىدا دەرسلىك - (ئۇيغۇرچە)

"ھەج ۋە ئۆمرە توغرىسىدا دەرسلىك" ناملىق بۇ فېلىمدا ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار قاتارلىق ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۈيغۇن ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

Image

يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى - (ئۇيغۇرچە)

«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى....

Image

«نۇرچىلار» جامائىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا «نۇرچىلار» جامائىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئېتىقاد ۋە پىكرى كۆز قارىشى، نۇرچىلارنىڭ پىكىر ۋە ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى، جامائەتنىڭ تارقىلىش ۋە تەسىر دائىرىسى قاتارلىق تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ئىنسان ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە توغرا يۆلىنىش بىلەن مېڭىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسان ئىكەنلىكى، بىكار تەلەپلىكنى ئاللاھنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا....

Image

ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ....

Image

ئۆز-ئارا سالاملىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا سالاملىشىشنىڭ پەزلى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بۈيۈك سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، سالاملىشىشنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان ھەرۋاقىت تەبەسسۇمنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى بىر كۈن (تەۋسىيە) - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى بىر كۈن» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش، كۈندىلىك ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Image

كۆڭۈلدىكى مېھمان (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«كۆڭۈلدىكى مېھمان» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاننىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، روزىنىڭ پايدىسى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار ۋە روزىغا دائىر ئەھكام قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.