×
رامىزاندا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېغىز ئاچقۇچى، ھەر كۈندىكى كاپارەتنى شۇ كۈندە چىقىرامدۇ ياكى رامىزاندىن كېيىن بىراقلا چىقارسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    12591- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    رامىزاندا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېغىز ئاچقۇچى، ھەر كۈندىكى كاپارەتنى شۇ كۈندە چىقىرامدۇ ياكى رامىزاندىن كېيىن بىراقلا چىقارسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    رامىزاندا ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى ئېغىر كېسەللىك ۋە ياكى باشقا شەرئى سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈرلۈك بولۇپ روزا تۇتالمىغانلار بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تائام بېرىدۇ. تائام بېرىش شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن شۇ كۈنى بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رامىزاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنى ھېسابلاپ شۇ كۈنلەرنىڭ ھېسابى بويىچە مىسكىنلەرگە تائام بەرسە بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "شەرھى مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 6- توم 335-بەتكە قارالسۇن].

    مىسكىنلەرگە تاماق بېرىشنىڭ ۋاقتى: تاماق بەرگۈچىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ، خالىسا بىر كۈنگە بىر كۈندىن ئۆز ۋاقتىدا بېرىدۇ، خالىسا كېچىكتۈرۈپ ھەممە كۈنلىرىنى ھېسابلاپ شۇ بويىچە تاماق بېرىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روزىنىڭ كەپارىتىنى كىچىكتۇرۇپ بەرگەنلىكى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.