×
ھىدايەت يولىغا مېڭىۋاتقان ياكى يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز؟

    توغرا يولغا يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا سەمىمى نەسىھەت

    ئۇيغۇرچە – الأويغورية ]- uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿ نصيحة لشاب في بداية طريق الاستقامة ﴾

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    توغرا يولغا يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا سەمىمى نەسىھەت

    127067- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھىدايەت يولىغا مېڭىۋاتقان ياكى يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز؟

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن توغرا يولغا يۈزلەنگەن ياشلارغا قىلىدىغان سەمىمى نەسىھىتىمىز:

    1-ئاللاھ تائالادىن ھەرۋاقىت ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، توغرا يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورىشى لازىم.

    2-قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئويلىنىشى كېرەك. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىپ، مەنىلىرىنى ئويلىنىپ ئوقۇغاندا قەلبىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    3-تائەت-ئىبادەتلەرنى بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا دائىم ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىقتىن پاناھ تىلەيتتى.

    4-ياخشىلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇشى ۋە ناچار كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

    5-ھەرۋاقىت ئۆزىگە تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ، نەپسى-خاھىشى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىققا يۈزلەنسە: ئى نەپسىم! مۇساپە يىراق، يول ئۇزۇن، بوشاڭلىق قىلما! ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى لازىم. چۈنكى جەننەت ئىشلەش قېيىن تۇيۇلىدىغان ئەمەللەر بىلەن، دوزاخ بولسا ھاۋايى-ھەۋەس (يەنى شەيتانى ئەمەللەر) بىلەن قورشالغاندۇر.

    6 - ناچار ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. گەرچە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يېقىن دوستلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ يامان تەسىرىدىن خالى بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مىسال بايان قېلىپ مۇنداق دېگەن: «ناچار ھەمراھنىڭ مىسالى، تۆمۈرچىنىڭ كۆررىكىنى باسقۇچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسەڭ كىيىمىڭنى كۆيدۈرۈۋالىسەن ياكى ئۇنىڭدىن يىرگىنىشلىك پۇراقلارنى يۇقتۇرىۋالىسەن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].