×
بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولدى -ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن- دىندا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىمەن، بەزى سالىھ دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، ئىمانىمنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقىتلاردا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى سىزىمەن، بۇ ھەقتە ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.

    سالىھ بۇرادەرلەردىن ئايرىلغاندا ئىماننىڭ ناقىسلىقىنى ھېس قىلىش توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2014 - 1435

    يشعر بنقص الإيمان إذا فارق الإخوة الصالحين

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    سالىھ دوست-بۇرادەرلەردىن ئايرىلغاندا ئىماننىڭ ناقىسلىقىنى ھېس قىلىش توغرىسىدا

    8197- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولدى -ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن- دىندا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىمەن، بەزى سالىھ دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، ئىمانىمنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقىتلاردا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى سىزىمەن، بۇ ھەقتە ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    سىزنى دائىم سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭ، ئاللاھ تائالانىڭ دائىم سىزنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئاللاھ بارلىق نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر ۋە قورقۇشقا ئەڭ ھەقلىق زاتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 1-ئايەت].

    يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِي يَرَاكَ حِينَ تَقُومُ ، وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» [سۈرە شۇئەرا 218-219-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّـهَ مَعَنَا﴾ تەرجىمىسى: (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە،» دەيتتى. [سۈرە تەۋبە 40-ئايەت].

    ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭ ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭ، ئاللاھ ھەر ۋاقىت سىزنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۆزىڭىزنىڭ دائىم ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان ياكى ئاسىيلىق قىلغاندا بىردەك كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەزەر قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّـهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّـهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر» [سۈرە ئال-ئىمران 30-ئايەت].

    يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ﴾ تەرجىمىسى: «مەندىنلا قورقۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 40-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    سىز يالغۇز ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولۇڭ قايسى ۋاقىت بولىشىدىن قەتئى نەزەر دائىم ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىڭىز بولسا، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىڭىزنىڭ راست ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

    قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالاغا سەمىمى بولۇڭ، سىز قەيەردە بولىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھ تائالا كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان جايدا بولىسىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلايدۇ، قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. سىز ئائىلە، دوست-بۇرادەر ۋە باشقىلاردىنمۇ بەكرەك، يەككە-يېگانە قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىشىڭىز مۇھىمدۇر. [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى بازنىڭ: تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 9-توم 39-بەتتىن ئىلىندى].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.