×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتى (04/01/1435 ھـ / 2013-يىلى 11- ئاينىڭ 08-كۈنىدىكى) جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى ئىبنى ئەۋۋاد ئەلسۇبەيتى سۆزلىگەن. خۇتبىدا، قۇرئان - سۈننەتتە مۇسۇلمانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بېرىلگەن بەزى خۇش بىشارەتلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغۇچىغا ياخشىلىق بىلەن بىشارەت بىرىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

    قۇرئان-سۈننەتتە خۇش بېشارەتلەر

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى ئىبنى ئەۋۋاد ئەلسۇبەيتى

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1435

    البشارة في القرآن والسنة

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد البارئ بن عواض الثبيتي

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1435

    قۇرئان- سۈننەتتە خۇش بېشارەتلەر

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "خۇش بېشارەتلەر ئىنسان قەلبىدە گۈزەل ئارزۇلارنى قوزغاپ، غەم-قايغۇلارنى يوق قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    ئى مۇسۇلمانلار! دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار.» [سۈرە ئال- ئىمران 102-ئايەت].

    بىشارەت، خۇش-خەۋەرلەر ئاڭلىغۇچىدا ئۈمىد-غايىلەرنى قوزغاپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە غەم-قايغۇلارنى يوق قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشتىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار غەم-قايغۇلارنى يوق قىلىدۇ. خۇرسەنلىك ۋە بىشارەت ئىبارەتلىرى بىر نەرسىگە باغلانماستىن مۇتلەق سۆزلەنسە، بۇ سۆزدىن پەقەت ياخشىلىق مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما بىرەر نەرسىگە باغلىنىپ كەلگەن ۋاقىتتا يامانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە بىشارەت-خۇرسەنلىكنىڭ شەكىللىرى كۆپ بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا رەھمەت، ھىدايەت ۋە خوش-خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمدە ھەممە نەرسىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ توغرا يول تېپىشىغا ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغان يوللارنى ئوچۇق سۆزلىدى. مۆمىنلەرگە كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىش بىلەن خوش بىشارەت بەردى. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى مۆمىننىڭ قەلبىدە ئارامچىلىق پەيدا قىلىدۇ ۋە خۇرسەنلىك قوزغايدۇ.

    شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بەرگۈچى، دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرغىچىدۇر.

    بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.» [سۈرە پۇرقان 56-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىنى تەشۋىقاتتا ساھابىلارنى باشقىلارغا خۇش بىشارەت بېرىشكە، كىشىلەرنى ئۈركىتىۋىتىش ۋە نەپرەتلەندۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خوش-خەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بىشارەت بىلەن قورقۇتۇش ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەتتە تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ئازابىدىن قورقۇش ئارىسىدىكى ئورتىھال پرىنسىپتۇر.

    ھەقىقەتەن خوش بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى كۈچىيىپ، تائەت-ئىبادەتكە بولغان قىزىقىشى ئاشىدۇ.

    مانا بۇ ئىمانى قۇۋۋەت خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كەلگەندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەدىچە ئانىمىزغا: ھىرا غارىدا بىر پەرىشتىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق سىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە، خەدىچە ئانىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئاللاھتىن خۇش بېشارەت بولسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىزمۇ يەرگە قاراتمايدۇ، دېدى».

    ئىنسان ھاياتتا قىيىنچىلىق ۋە قۇرقۇنچلۇق ئىشلارغا دۇچكەلگەندە، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىدىن، ئەسكەر قومانداندىن، خىزمەتچى خوجايىندىن ئۆزىنى كۇچلاندۇرىدىغان ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيدىغان خۇش بىشارەت سۆزلىرىنى ئاڭلىشى نېمە دېگەن گۈزەل ھە!.

    تەقۋادار كىشىلەرگە بېرىلىدىغان بىشارەت، ئۇلارنىڭ جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ ، لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)[سۈرە يۈنۈس 63- 64-ئايەتلەر].

    ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان بىشارەت، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىشى ۋە چەكسىز نېمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّـهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِندَ اللَّـهِ ۚ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ ، يُبَشِّرُهُمْ رَبُّهُم بِرَحْمَةٍ مِّنْهُ وَرِضْوَانٍ وَجَنَّاتٍ لَّهُمْ فِيهَا نَعِيمٌ مُّقِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار ساۋاب تېپىش بىلەن مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىدۇ.» [سۈرە تەۋبە 20-21-ئايەتلەر].

    مۇسىبەتكە سەۋىر قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان بىشارەت توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ ، الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّـهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ ، أُولَـٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سەۋر قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: "بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز"دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 155-156- 157-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّـهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ ، الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ ، لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ﴾ تەرجىمىسى: «راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش، دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر.» [سۈرە يۈنۈس 62-63- 64-ئايەتلەر].

    كېچىدە نامازغا ماڭغۇچىلارغا يەنى بامدات ۋە خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭغۇچىلارغا خۇش بىشارەت بولسۇن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭغۇ ۋاقىتلاردا يەنى ئەتتىگەن-ئاخشامدا مەسچىتكە ماڭغۇچىلارغا خۇش بىشارەت بولسۇن!، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ئۈچۈن تولۇق نۇر بېرىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    (يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئىنسانلارغا خۇش بىشارەت بىرىلگەن ئىشلارنىڭ ئاز بىرقىسمىدىن ئىبارەتتۇر).

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلسە خۇرسەن بولىدىغان، دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان، ھەقىقى تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن. ئامىن....