ئېمىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا
كاتوگورىيەلەر
Full Description
ئېمىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2012 - 1433
﴿ تركت الصيام خوفا على رضيعتها ﴾
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2012 - 1433
ئېمىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا
3711- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
بىر ئايال رامىزاندا تۇغۇپ، ئېمىۋاتقان بوۋاقتىن ئەنسىرەپ رامىزاندىن كېيىن پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلماي تۇرۇپ، شۇ ئارىدا يېڭىدىن ھامىلدار بولۇپ، كېلەر يىلى رامىزاندا يەنە بىرنى تۇغقان بولسا، بۇ ئايال رامىزاندا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن كاپارەت بەرسە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ئايال گەرچە ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن بولسىمۇ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايال ئەۋۋەلقى ۋە كېيىنكى رامىزان ئارىسىدا ئۆزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالمىدى. مەزكۇر ئايال بالا ئېمىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى قىش كۈنلىرى كۈن ئاتلاپ تۇتسا بەلكىم قېيىن بولماسلىقى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بەرسۇن. بىرىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسىمۇ بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى.