×
پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا چەكلەنگەن ئىشلانى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

    گۇناھ-مەسىيەتنى پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1435

    هل من المجاهرة أن يفعل المعصية أمام أولاده

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1435

    گۇناھ-مەسىيەتنى پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى

    11726-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا چەكلەنگەن ئىشلانى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان زات ئاللاھقا خاستۇر.

    بۇ سوئال ئۇستازىمىز پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىينگە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) سۇنۇلدى، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن!. پەرزەنتلىرىگە ناچار تەربىيە بېرىشتىنمۇ چوڭ گۇناھ-مەسىيەت بولامدۇ!، بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئىش.

    چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قىلماستىن، ئائىلىسىدە، ئۆي ئىچىدە قىلسىمۇ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟، دەپ سورالساق، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بىرىمىز: شۇنداق، گەرچە گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆزى يالغۇز ئىچكىرى ئۆيىدە ئىشلىسە، بىز بۇنى گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق دېمەيمىز. ئەمما چەكلەنگەن ئىشلارنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدا سادىر قىلسا، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇنىڭدىن خەتەرلىك بولغىنى؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىدا قىلغان بۇ قىلمىشى، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتكە خىيانەت قىلغانلىقى دەپ قارايمىز.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، تاماكا چېكىدىغانلار بولسا، ئائىلە ئەزالىرى ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئۇنداق قىلمىغاندا، پەرزەنتنى ئۆز قولى بىلەن تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈشتەك، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

    توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.