×
تولۇق ئادا قىلىنغان ھەج ئىبادىتى بىلەن چوڭ گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    ھەجنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    فضل الحج

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    ھەجنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

    34359 - نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    تولۇق ئادا قىلىنغان ھەج ئىبادىتى بىلەن چوڭ گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا يامان سۆز ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانسا، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1521-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1350-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆمرە ئىبادىتى يەنە بىر ئۆمرە پائالىيىتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولغاندەك، قوبۇل بولغان پەرز ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 1773-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1349-ھەدىس].

    ھەج ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولۇپ، بەندە بۇ ئەمەللەرنى شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق ئادا قىلسا خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قېلىنىدۇ.

    كۆپچىلىك ئالىملار ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېچىك گۇناھلار كەچۈرۈم قېلىنىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر قىلمىشقا سەمىمى تەۋبە قېلىش كېرەك بولىدۇ دەپ قاراپ، بۇ قاراشنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بىلەن دەلىللەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا، بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئىمام ئىبنى مۇنزىر ۋە باشقا بىر بۆلۈك ئالىملار، يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، قوبۇل بولغان ھەج چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولىدۇ، دېگەن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.