مۇسىبەتنىڭ بۈيۈكلىكى ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلىدۇر
كاتوگورىيەلەر
Full Description
مۇسىبەتنىڭ بۈيۈكلىكى ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلىدۇر
ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]
پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2009 - 1430
﴿عظم الجزاء مع عظم البلاء﴾
«باللغة الأويغورية»
فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: ن. تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2009 - 1431
مۇسىبەتنىڭ بۈيۈكلىكى ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلىدۇر
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ "ئاللاھتىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئاللاھ مۇپتىلا قىلغان مۇسىبەتكە سەۋرى قىلىشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! دۇنيا ئۆزگرىشچان، تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىلىدىغان، مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن ئۆزگىرىدىغان غۇربەتلىك دىيارى بولۇپ، دۇنيادا ئۇچرىغان ھەر تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرگە چىرايلىق سەۋرى قىلىش كېرەك. دۇنيادا ئاللاھ تائالادىن باشقا مەڭگۈ قالىدىغان ھېچ نەرسە يوق. دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر ئۇنتۇلىدۇ. دۇنيا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاددى نەرسە بولۇپ، بۇنىڭغا بىئارام بولۇش ۋە غەم قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
مۆمىنگە دۇنيادا بىرەر قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇ يەتسە بۇنىڭغا سەۋرى قىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقلىرى ئاسان بولىدۇ. بارلىق قىيىنچىلىق ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش بىلەن ھەل بولىدۇ. مەنىۋى كېسەللىكلەر ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن شىپا تاپسا، دەرت-ئەلەملەر ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن تۈگەيدۇ. مۇسىبەت مۇسۇلمان ھاياتتا دۇچ كىلىدىغان بىر كۆرەش بولۇپ، بۇنىڭ باشلىنىشى ۋە بېكىتىلگەن تۈگەنچىسى بولىدۇ. بالا-مۇسىبەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى بۇنى ئۆچ كۆرۈش بولسا، سەۋىرسىزلىكتىن بۇنىڭغا كىلىدىغان ساۋابنى يوقۇتۇپ قويۇش ئەڭ رەزىللىكتۇر. قانائەتنى يوقاتقان كىشى ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان- زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 155-156-157-ئايەتلەر].
بىرەر مۇسۇلمانغا دەرت-ئەلەم ياكى بىرەر كېسەللىك يەتسە، كۆپ نالە پەرياد چېكىش ۋە باشقىلارغا شىكايەت قىلىش بىلەن ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. مۇپتىلا بولغان مۇسىبەتنى باشقىلارغا دەرت توكۇش ئىنسانغا ھېچقانداق تەسەللى بولمايدۇ ۋە مۇسىبەت ئۇنىڭ بىلەن يەڭگىللەپ قالمايدۇ. تەسەللى ۋە قانائەتلىنىش، ئۆزىگە يەتكەن بارلىق كېسەللىك ۋە بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن، بارلىق خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كەمچىلىكلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەپ كېسىلى بولۇپ قالغاندا يوقلاپ كېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى تۇتۇپ مۇنداق دېدىم: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلى قاتتىق تەپ كېسىلى بولۇپ قاپتىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھە-ئە، شۇنداق، مەن سىلەردىن ئىككى كىشى ئاغرىپ قالغاندەك ئاغرىپ قالدىم دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە بۇنىڭدا قوش ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟ دېسەم، ھە-ئە دەپ بولۇپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانغا بىرەر ئازار-كۈلپەت ۋە كېسەللىك يەتسە ئۇنىڭغا سەبرى قىلسا، ئاللاھ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن خۇددى دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلگەندەك ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ». [ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئى مۇسۇلمانلار! پەرزەنت ئىنساننىڭ يۈرەك-پارىسى، كىشىلەر ئارىسىدىكى پەخرى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتىشى، ئېغىر مۇسىبەت ۋە قەلب يارىسى بولۇپ بۇنىڭ داۋاسى پەقەت سەبرى قىلىش ۋە ئاللاھدىن ئەجرى تىلەش بىلەن بولىدۇ. پەرزەنتلىرى كېسەللىك سەۋەبى، قاتناش ھادىسىسى ياكى ئوت ئاپىتى ياكى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپ ياكى يامغۇر ھادىسىلىرىدە ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن، كۆز قارچۇغىدىن ئايرىلغان، قەلبى ئۆرتەنگەن ئاتىلار ۋە كۆزى ياش بىلەن نەمدەلگەن ئانىلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى، كەچۈرۈم قىلىشى، رەھمىتى، كاتتا ساۋابى، خەير-ئېھسانى ۋە ئالى جەننەتلىرى بىلەن خۇرسەن بولۇڭلار. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر كىشىنىڭ پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەرىشتىلىرىگە: مىنىڭ بەندەمنىڭ پەرزەنتنىڭ جېنىنى ئالدىڭلارمۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ھە-ئە دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ جېنىنى ئالدىڭلارمۇ؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ھە-ئە دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بەندەم پەرزەنتنىڭ جېنىنى ئالغان ۋاقتىڭلاردا نېمە دېدى؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ئۇ كىشى سىلىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتتى ۋە (بىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز)دەپ سىلىدىن ياخشىلىق تىلىدى، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: مېنىڭ بۇ بەندەم ئۈچۈن جەننەتتە بىر قەسىر ياساڭلار، بۇ قەسىرنى ھەمدۇ-سانا ئۆيى دەڭلار دېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى].
مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش يوق. ئۆلۈم شارابىنى ئىچمەيدىغان ۋە سەكراتتا يۈزبېرىدىغان قىيىن ئەھۋاللارنى كۆرمەيدىغان كىشى يوق. ئۆلۈم سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن دوستلار بىر-بىرىدىن ئايرىلدى، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئارىسى يىراق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدسىىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندەمنىڭ دۇنيادىكى كۆز قارچىغۇسى ۋە يۈرەك پارىسى بولغان ئەڭ يېقىن كىشىسىنىڭ جېنىنى ئالسام، بەندەم بۇنىڭغا سەبرى قىلىپ، مەندىن ساۋاب ئۈمىت قىلسا، مەن ئۇ بەندەمنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن». [بۇخارى رىۋايىتى]. ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى پەسلىتىپ، روھىنى كۇچلاندۇرىدۇ.
كىمىكى قورساق ئاغرىقى، ۋابا كېسىلى، زەھەرلىك ھايۋانلار چىقىۋالغان، سۇدا غەرق بولۇپ كەتكەن ياكى ئۇلىغىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن، تام بېسىۋالغان ۋە تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەندەك قىيىن بىر ئۆلۈم بىلەن دۇنيادىن كەتسە، ئاللاھ بۇ ئۆلۈمنى ئۇ كىشىنى گۇناھتىن پاكلايدىغان، ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىدىغان، ئالى مەرتىۋىگە ئېگە قىلىدىغان، نەتىجىدە شېھىتلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغان بىر ۋەسىلە قىلدى.
مانا بۇ مۇسىبەت ئىگىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچان، ئاتا-ئېھسانى ھېسابسىز ، كەچۈرۈم قىلغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان تەسەللى ۋە مەرھەمەتتۇر.
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.