×
ئاپتور ماقالىسىدا ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان ھەر قانداق سۆز ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پەزىلىتىنى تارىتىشقا ھېرىسمەن بولۇشى، ئۇ زات ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىمەستىن، بەلكى ئىشلارنى ۋەھيى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرگەن بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆچۈق يوتۇرۇپ بېرىدۇ.

    سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىمۇ؟

    [ئۇيغۇرچە]

    هل أنت من أمة محمد صلى الله عليه وسلم؟

    [باللغة الأويغورية]

    ئىسلامجان ئۇيغۇرى

    إسلام جان أويغوري

    تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى

    المراجعة: ن. تمكيني

    رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى

    المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض

    1429 – 2008

    سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىمۇ؟

    مەن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بۇ <http://ca.youtube.com/watch?v=-dyUEZmVFQE> قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قىلمىشقا ئۆز قارشىلىقىمنى بىلدۈرۈشنى ئىمانى ۋە ئىنسانىي بۇرچۇم دەپ بىلىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك جۇڭگو دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ cctv قانىلىدا، خىتاينىڭ قەدىمقى ئېمپىراتورلۇقى ھەققىدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرسىتىلگەن.

    فىلىم جەريانىدا ئەرەب مەملىكىتىدىن كەلگەن ئەلچىلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمى سىزىلغان بىر جازا كۆرسىتىلگەن ۋە جازا ئىچىدىكى رەسىمنى " ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىلاھى مۇھەممەد " دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت فىلىمدىكى ئاتالمىش مەزكۇر سۈرەتتە بىر كۆزى قارىغۇ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. نېمە بولسا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى سىزغانلىقىنىڭ ئۆزى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلاھمۇ ئەمەس، ئىسلام دىنىنى ئۆز تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ تاراتقانمۇ ئەمەس، بەلكى ئسلام دىنى ئاللاھ رازى بولۇپ تۇرغۇزۇلغان دىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىمىگەن ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى، (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ ». سۈرە نەجىم 2-3-4-ئايەتلەر

    بۇ خىتايلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى، مەدەنىيەتسىزلىكى، قالاقلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، مۇسۇلمانلارنى كۆزگە ئىلماسلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىشى بولدى. خىتايلار دىنسىز مەخلۇقلار بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن قايسى دىن بولسۇن ھەممىسى ئەھمىيەتسىز. ئۇلار شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن دىنلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنسىزلىقى باشقا مەسىلە. ئەمما دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنىڭ، خۇسۇسەن جۇڭگونىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى قاتارلىق يۈز مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنىڭ خاتىرىسىنى قىلماستىن، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى زېدە قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمىدى.

    پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ماقامىغا قارشى ئىشلەنگەن ئەڭ ۋەھشى، كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئىكەنلىكىدە پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاقتۇر. شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ھېچقانداق پەيغەمبەرنىڭ ھەتتا ساھابىلارنىڭمۇ رەسىملىرىنى سىزمايدۇ ۋە سىزىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇلارنى ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاتمايدۇ. خىتايلارنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمىنى سىزىپ تەسۋىرلىشى مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەنلىكىنىڭ ئوپ-ئوچۇق بىر ئىپادىسىدۇر.

    بۇلار ئەزەلدىن مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ بوغۇلدى، بۇلار ھازىرغا قەدەرپۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى بۇنداق ھۆرمەتسىزلىكنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى. مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە بۇ دىننىڭ نۇرلۇق دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمگە بىر قانچە قېتىملىق ئادالەتسىز ھۇجۇمى ۋە ئەدەپسىزلىكى مەيدانغا كەلدى. ئىش دەسلەپتە نورۋىگىيىدىن باشلاندى. 2005- يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا، نورۋىگىيىنىڭ« ماگازىنات» ژۇرنىلىدا، يەھۇدىي ئەسىللىك بىرسى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمى سېزىلدى. يەنە شۇ يىلى دانىيەنىڭ« گلاندز پوستېن» گېزىتىنىڭ 2005- يىلى 30- سېنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نومۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ 12 پارچە ھەجۋى رەسىم سىزىلدى. 2008-يىلنىڭ باشلىرىدا دانىيە ۋە گوللاندىيەدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلدى ۋە كەڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ئىنسانىيەتنىڭ، خۇسۇسەن دۇنيادىكى 1 مىليارد 400 مىليون مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان بۇ ئېغىر جىنايەتلەرگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاسلار ۋە رەددىيەلەر تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزىدىغان، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان cctv نىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىدىلوگىيە قاراشلىرىغا ئېتىبارسىز قاراپ، بۇنىڭغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلماستىن مېدىيالاردا ئىلان قىلىشى بولسا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى ئەپتە بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن كۇففارلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇشتا بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىگە ئالدانماسلىقىمىزنى، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن، ئۇنىڭ دوستلىرىنى دوست تۇتۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە «ئى مۆمىنلەر! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى دوست تۇتماڭلار» دەيدۇ.

    ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ۋە دىنىغا مەھكەم غەييۇران قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىگە، دوستلۇق ئىزھار قىلىشىغا ئالدانماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھۆرمەتسىزلىكىگە قارشى چارە قوللىنىشىنى سورايمەن. چۈنكى دىنىمىزنى، قۇرئانىمىزنى ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى قوغداش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچىدۇر. بۇ ئىمانىمىزنىڭ تەلىبىدۇر. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بۇنداق ئەدەبسىزلىكىگە، دۈشمەنلىكىگە ۋە ھاقارىتىگە يول قويۇش ياكى سۇكۇت قىلىش ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى تۇرۇش، دەككىسىنى بېرىش، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورۇنلارغا نارازىلىقنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق دىنى ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بۇرچىدۇر. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جېنىدىن، ئاتىسىدىن، بالىسدىن ۋە ھەر نەرسىسىدىن ئارتۇق دوست تۇتمىغان ئادەمنىڭ ئىمانى دۇرۇس بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭغا جىم تۇرساق قايسى يۈزىمىز بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيىمەن دېيەلەيمىز ۋە شاپائىتىنى قانداقمۇ كۈتەلەيمىز؟!

    قېرىنداشلار ھېچ بولمىغاندا ئىمانىمىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قوغدايلى! قىيامەت كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇرلۇق يۈزىگە خىجىل بولماستىن پەخىرلەنگەن ھالدا قاراي دەيدىكەنمىز، ھاياتلىقىمىزدا ئۇنى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز لازىمدۇر.

    تور بېكەت ۋە مۇنازىرە مەيدانلىرىغا قاراپ چىقسام بۇ توغرىدا يېزىلغان تېما ياكى ئىنكاسلار خۇددى ئاچچىقى كەلگەندە قاپاقنى تۇرۇپ قويغاندەكلا ھەممىمىز بىرەر قېتىمدىن غەزەپلىنىپتۇق، بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەكلا توختاپ قالدۇق. بۇ ھەقىقى سۆيگۈ ئەمەس، ھەقىقى سۆيگۈ داۋام قىلىشى ھەرقانداق شەخسى مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىشى كېرەك ئىدى، ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. ( بۇنىمۇ بىر تەرەپلىمە چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ ئەھۋال ھەممىمىزگە مەلۇم- ئاللاھ ياردەمچىمىز بولسۇن). بۇنىڭ ئۆزى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۇگۇنىشىمىز، ئېتىقادنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىشكە ۋاقىت ئاجرىتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

    قېرىنداشلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىقايلى ۋە ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلايلى . ئۇ زاتنىڭ ئالى جانابلىقى ۋە پەزىلەتلىرىنى بىر-بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلايلى، شۇندىلا ئۇ زاتقا بولغان ھەقىقى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتكە ئۆل سالالايمىز ۋە ھاياتىمىزدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە مەنپەئەتلىك توغرا چىقىش يولى تاپالايمىز.

    كىمىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىدىكەن، بۇ دەۋا؛ ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋە بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش، ئۇ زاتقا، -ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن كېيىنكى - ئەڭ بۈيۈك سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنى رېئاللىقتا كۆرسىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ( ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت

    ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تارىخى ئۇزۇن زامانلارغا قايتىدۇ. باتىلنىڭ تەرەپدارلىرى ھەر ئەسىر ۋە ھەر جايدا ھەقىقەتكە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئاللاھ تائالا باتىلنى ۋە باتىلنىڭ تەرەپدارلىرىنى ھەر زامان تارمار قىلىپ كەلمەكتە. ئىبلىس ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان ئەمرىنى رەت قىلغان ۋاقىتتىن بىرى ھەقىقەتكە ۋە ھەقىقەت ئىگىلىرىگە بولغان كۆرەلمەسلىك، سۈيىقەست، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچ - ئاداۋەت داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

    بەلكىم بۇ بىز مىللەت ئۈچۈن ھەقىقەتنى ياقىلاش، جەمئىيىتىمىزدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش، ئەقىدىمىز ۋە ئىززەت ئابرۇيىمىز، كىملىكىمىز قاتارلىقلار توغرىسىدا چىنلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ياخشى بىر باشلىنىش بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.