×
Image

روزىغا دائىر مۇھىم ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/8/1430ھـ/2009-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختىشى، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، روزىدارنىڭ تولۇق بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان روزىغا دائىر ئەھكاملارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.

Image

رامىزان ۋە تەقۋادارلىق - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە تەقۋادارلىق ناملىق ئەسەردە، تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشتىكى يوللاردىن بىرى بولغان رامىزان روزىسىنى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە پەرز قىلشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن ئاقلانغان ئايال - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، مۇناپىقلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شان-شەرىپىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پاك ئەھلىيەسى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئىپپىتىگە تۆھمەت چاپلىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ، مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلىغانلىقى، پاك ئاياللارغا تۆھمەت چاپلىغۇچىلار توغرىسىدىكى ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، مەزكۇر تۆھمەتنى تاراتقۇچىلارغا شەرئى جازا ئىجرا قىلىنغانلىقى قاتارلىق «ئىپپەت ھادىسىسى»گە ئالاقىدارلىق بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى....

Image

ياخشى گۇمان قەلب راھىتى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، مۇسۇلمان ھاياتىدا ياخشى گۇماننىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولى، باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار، يامان گۇماننىڭ تەسەۋۋۇرسىز ئاقىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن، شۇنداقلا سەلەپ-سالىھلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە گۇماننىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1/7/1432ھـ 2011-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ قەلب ئەمەللىرىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېيىقىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەۋسىيە قىلدى.

Image

رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغان ياكى ئېغىز ئاچقان كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بالاغەتكە يەتكەن، روزا تۇتالايدىغان بىر ئادەم رامزاندا روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟، دۇنيادا ئۇ كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىغا مۇشەررەپ بولغۇچى يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ16/8/1430ھـ2009-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلغان مۆمىنلەرگە ئۇلار رازى بولىدىغان ساۋابلارنى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئادالىتى بىلەن ئىسيانكارلارنى جازالايدىغانلىقى، مۆمىن ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرسە، چەكلەنگەن....

Image

تۆۋەندىكى كىشىلەرگە روزا تۇتۇش پەرزمۇ؟ شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

كېچىك بالا بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتتى، رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇش جەريانىدا بالاغەتكە يىتىپ قالدى، ئۇ بالا شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ شۇنىڭدەك، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھەيىزدار ئايال ھەيىزدىن پاك بولسا، ساراڭ ئەقلىگە كەلسە، مۇساپىر روزا تۇتمىغان ھالەتتە سەپەردىن قايتىپ كەلسە، روزا تۇتمىغان كېسەل رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ساقايسا، مەزكۇر كىشىلەر شۇ....

Image

تائامنىڭ قالدۇقلىرى مەقسەتسىز گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

سۇھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن چىشىمغا تۈزگۈچ قويىمەن، چىشىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى تاماق قالدۇقلىرىنىڭ تۈزگۈچكە ئىلىنىشىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن، بىر پارچىنى چىقاردىم يەنە بىر پارچىسى گىلىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ ياكى قازاسىنى قىلمىساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان تەسىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/1/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مەست قىلغۇچى ماددىلارنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان زېيىنى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زېيىنى ھاراققا نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ۋاستلىق ياكى ۋاستىسىز شۇغۇللانغۇچى كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ،....

Image

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەر-ئايال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئىسپېرما چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن روزا بۇزۇلىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

مەن يېڭىدىن توي قىلغان قىز، ئىسلام سوئال-جاۋاپ تور بېكىتىدىن: رامىزاندا كۈندۈزدە ئەر-ئايال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئىسپېرما چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى تاپتىم، يەنە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەستىن مەنى-ئىسپېرما چىقسا بۇ توغرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى كۆردۈم. رامزاننىڭ كۈندۈزدە، يولدىشىم بىلەن ئوينىشىپ يېقىنچىلىق قىلدۇق، يولدىشىم مەنى چىقارماسلىققا رىئايە قىلىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدى، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن....

Image

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەجگە بېرىشى توغرا بولمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

ئاياللار ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ھەجگە بارىدىغان مەھرەم تاپالمىغاندا، ئىشەنچىلىك كىشىلەر بىلەن ياكى ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ھەج ياكى ئۆمرىگە بارسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.