×
Image

مۇسۇلمانلار مىللەت سۆيەر ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ! - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ26/6/1430-ھىجرىيە2009-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياخشى نام ۋە شۆھرىتىنىڭ داۋاملىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار، ئىنساننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن جەمئىيەتتە ياخشى تەسىرىنىڭ قىلىشى ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگىلا بولىدىغانلىقى، دىن، مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن ھەرساھەدە خىزمەت قىلغانلار تارىختا ئۇنتۇلماس....

Image

ئامانەت ۋە خىيانەت - (ئۇيغۇرچە)

«ئامانەت ۋە خىيانەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئامانەت ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىبادەتتىكى ئامانەت، خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ پەزلى، خىيانەت ۋە خىيانەت قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان جازا، مۇسۇلماننىڭ ئامانەتدارلىق بىلەن سۈپەتلىنىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ18/8/1431ھـ 2010-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى ۋە ئەجىرنىڭ كۆپىيىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەرتىۋىنىڭ يۇقىرى بولىشى، سالىھ پەرزەنت، ھالال زىرىق، كۆڭۈلگە تىنچلىق، تۇرمۇشقا ئارام بەخش بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم....

Image

ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن «جانابى ئاللاھ ھەر كۈنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا زېمىن ئاسمىنىغا چۈشىدۇ»، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىر قىسمى قاچان باشلىنىپ، قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ؟ كېچە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئاللاھنىڭ زېمىن ئاسمىنىغا بىر ۋاقىتتا چۈشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ .

Image

ئىبادەتتە ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان - (ئۇيغۇرچە)

ئىنسان ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىبادەتتە ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغانمۇ؟ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ بولسىمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئېلىش ياكى ئۆينىڭ يېنىدا مەسچىت بولسىمۇ يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىمۇ؟. مەن ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇۋاپىقات" دېگەن كىتابىدا ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەن ئىبارىنى....

Image

ئەھۋالىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ لېنتا مەشھۇر دىنى ئىسلىھاتچىلىرىمىزدىن بولغان دەۋەتچى كىرەم قارىمنىڭ سوزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ قانداق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىمانىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھغا تولۇق ئىمان ئېيىتقان بولىمىز؟ رۇھانىيىتىمىز بىلەن مەۋجۇدېيىتىمىز قانداق قىلغاندا بىرىكىدۇ؟ ، دىگەن مەزمۇندا شەرئى ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشۈنۇشلۇك قىلىپ يورۇتۇپ بىرىدۇ. قېنى مەرھەمەت ئاڭلاپ ھۆزۇرلىنىڭ!

Image

راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

«راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە راستچىللىق پەزىلەتنىڭ مەنبىيى، مۇسۇلماننىڭ راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىسلام دىنىنىڭ راستچىللىق ئۇستىگە بەرپا قىلىنغانلىقى، ئاللاھ تائالا جانابى رەسۇلۇللاھنى راستچىللىقتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

روزىغا كاپارەت بېرىشنىڭ يوللىرى - (ئۇيغۇرچە)

رامىزاندا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېغىز ئاچقۇچى، ھەر كۈندىكى كاپارەتنى شۇ كۈندە چىقىرامدۇ ياكى رامىزاندىن كېيىن بىراقلا چىقارسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

«كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، كەمتەرلىكنىڭ پەزلى ۋە ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلىنىشى، كەمتەرلىكتە ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلانغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ھەج قىلىشنى خالايدۇ لېكىن ھەجنىڭ قائىدە ئەھكاملىرىنى بىلمەيدۇ - (ئۇيغۇرچە)

مەن ھەج قىلىشنى خالايمەن لېكىن ھەجنىڭ قائىدە ئەھكاملىرى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ (02/10/1434 ھـ / 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى) جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن. خۇتبىدا، ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىنمۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە گۈناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.