قىز-خانىملارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتىكى ئورنى
بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىنغان
كاتوگورىيەلەر
Full Description
21730- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
قىز-خانىملارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى توغرىسىدا قانداق قارايسىلەر؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
قىز-خانىملارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتلىك ئەمەلدە ئەرلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا دىنى ئالىملارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قارىشى ئىنتايىن روشەن.
قىز-خانىملارنىڭمۇ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرئى ئەدەپلەر بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشى قاتارلىق ئىشلار زۆرۈر بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنى باشقىلار ئايال دەپ كۆزگە ئىلماستىن مەسخىرە قىلسا ياكى دەشنام قىلغاب تەقدىردىمۇ سەۋىرسىزلەنمەستىن، ئارتۇق بىئارام بولماستىن، دەۋەتتىن سۇسلىشىپ قالماسلىقى كېرەك. بەلكى بۇ ئازار-كۈلپەتلەرگە چىداپ سەۋر قىلىپ دەۋەتتى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. شۇنداقلا دىنى دەۋەت يولىغا ئاتلانغان ھەرقانداق ئايال، ئىپپەتلىك ۋە ھىجابلىق بولۇشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولىشى، يات ئەرلەردىن ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىشتىن يىراق بولىشى لازىم. ئومۇمەن دەۋەت جەريانىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزىدە سادىر بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئەگەر ئەرلەرگە دەۋەت يەتكۈزۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن بىرەر كىشى بىلەن خالى تۇرماستىن بەلكى تولۇق ھىجاب بىلەن ئومۇمغا دەۋەت قىلىش لازىم. ئاياللارغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلارغا ھېكمەت بىلەن سۆز قىلىشى، ئېسىل-ئەدەپ، گۈزەل ئەخلاقتا ئۇلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم. ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا كىشىلەرنى پىتنىگە تاشلايدىغان كېيىم – كېچەكلەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى، گۈزەللىكىنى ئاشكارا قىلىش، نازلىنىپ سۆزلەش قاتارلىق ئۆزىگە ئىنكار قىلىنىدىغان ۋە پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. بەلكى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز ئابرۇيىغا زىيىنى يەتمەيدىغان يوللار بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. [شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ "مۇسلىمىلەر ئۈچۈن پەتىۋالار" ناملىق ئەسىرى 1010-بەت].
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.