×
ئاپتور ماقالىسىدا، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىڭ ئالامەت ۋە ئەسەرلىرى، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەقىدىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھاياتىغىچە ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم-تەۋرەنمەي تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    ھەجدىن كىيىنكى ھايات

    [ الأويغورية - Uyghur – ئۇيغۇرچە ]

    ھەدىسشۇناسلىق تەتقىقات تورى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    2011 - 1432

    ﴿ماذا بعد الحج ﴾

    « باللغة الأويغورية »

    إعداد

    شبكة السنة وعلومها

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    2011 - 1432

    ھەجدىن كىيىنكى ھايات

    ئۆزىنىڭ چەكسىز نېمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلارنى تاماملىغۇچى ۋە پەزلى-رەھمىتى بىلەن بەندىلەرنىڭ تائەت-ئىبادىتىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز ھەمدە-سەنالار بولسۇن!. ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن، پۈتۈن ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. بارلىق نېمەتلىرىگە رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئاللاھنى يەككە-يىگانە ۋە ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇد بەرھەق، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلامدىكى ئاساسى بەش پەرز ئىبادەتنىڭ ئاخىرىقىسى بولغان ئۇلۇغ ھەج ئىبادىتى ئاخىرلاشتى، ھەج ئايلىرى بارلىق ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.

    بۇ ئۇنتۇلماس مۇبارەك كۈنلەرنىڭ سەھىپىلىرى قاتلاندى ۋە مۇسۇلمانلار ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلدى، كۆپچىلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە پەرز قىلىنغان ھەجنى ئادا قىلغان بولسا يەنە بەزىلىرى تەكرار ھەج قىلىش ئارقىلىق، بارلىق خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك پاك بولۇپ، ئانا دىيارىغا قايتىشتى. ھەجلىرى قوبۇل قىلىنىپ، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئېرىشكەن ھاجىلارغا خوش-مۇبارەك بولسۇن!. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّـهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.» [ مائىدە سۈرىسى 27- ئايەتنىڭ بىرقىسمى] .

    مۇسۇلمانلارنى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى بەلگىلەر بولىدۇ . تائەت-ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى؛ تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشتۇر . ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولماستىن ۋە رەت قىلىنغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولسا، تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغاندىن كېيىن، ناچار ۋە ئەسكى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، يەنى تەۋبىدىن ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىدىن قول ئۇزمەسلىكتۇر .

    ھاجىلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆزلىرىدە ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ئالدىراش، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلىنىش، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، گۇناھ-مەسىيەت ۋە ناچار قىلىقلاردىن يىراق بولۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھالەتلەرنى ھېس قىلسا، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەجلىرىنىڭ ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

    ئەمما ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش، سۇسلۇق قىلىش، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئىنتىلمەسلىك، گۇناھ-مەسىيەت، ناچار ئىشلارغا يۈزلىنىش تۇيغۇلىرى كۆرۈلسە، ئۇلار تىزدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئىلتىجا قىلىشى ۋە ياخشى ئەمەللەرگە يۈزلىنىشى لازىم.

    ئاللاھنىڭ بەيتىگە بېرىپ، ھەج-تاۋاپ قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان، مەزكۇر ئۇلۇغ كۈنلەرنى ئاشۇ مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئۆتكۈزگەن سۆيۈملۈك ھاجىلىرىمىز!، سىلەرنىڭ بۇ ئەمەللىرىڭلار بولسا، سىلەرنىڭ توغرا يول ۋە ھەقىقەتكە يىتەكلىنىشىڭلاردىكى باشلىنىش بولىشى كېرەك.

    ئۇلۇغ ھەج ئىبادىتى جەريانىدا ئاللاھنىڭ بارلىق چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئى ئاللاھ! بىز سىلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، سىلىنىڭ ئەمىرلىرىگە تەييار بولۇپ كەلدۇق دەپ تەلبىيە ئېيتقان ھاجىلىرىمىز، سىلەر ئېيتقان بۇ تەلبىيەڭلار؛ يەنى بىز ھەر قاچان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تەييار دېگەن شۇئارىڭلار، ئاللاھ بۇيرىغان بارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەردە دائىم ياڭراپ تۇرسۇن. چۈنكى ھەج ئايلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان مېھرىبان ئاللاھ باشقا بارلىق ئايلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارى، بىز ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى ۋە بۇيرىغان ئەمەللىرىنى تاكى ھاياتىمىز ئاخىرلاشقانغا قەدەر تولۇق ئورۇنداشقا بۇيرۇلغاندۇرمىز . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ ﴾ تەرجىمىسى: « سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن.» [ھىجىر سۈرىسى 99-ئايەت] .

    مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ياخشى ئەمەللەر مەۋسۇمىنىڭ ماھىيىتى بولسا، ئىنسان ھاياتىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتمەيدۇ بەلكى ئۇنى ئويۇن-تاماشا، غاپىللىق ۋە كەمچىللىك، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىغا تولۇق بويسۇنۇش ھالىتىگە ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

    ياخشىلىق مەۋسۇملىرى بەزى كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك؛ ئىنسان ئۆزىنىڭ بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلىرىدىن خالاس بولۇپ قايتىدىغان، ياخشى مەۋسۇملار كەلگەندىن كىيىن يەنە تەۋبە قىلىۋالىمەن دەپ، يېڭىدىن خاتالىق ئىشلەش كۆز قارىشى بولسا، بۇ توغرا كۆزقاراش ئەمەس . ئىبادەت مەۋسۇملىرىنى يۇقىرىقىدەك چۈشەنگەنلەر، بۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈشتە خاتالاشقان بولىدۇ . بەلكى ياخشىلىق پەسلى دېگەن، غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش، خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ، كەسكىنلىك بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت قېلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر قىممەتلىك پۇرسەتتۇر . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِّمَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَىٰ ﴾ تەرجىمىسى: « تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن. » [ تاھا سۈرىسى 82-ئايەت] .

    كۆپچىلىك كىشىلەر ئۆز نەپسىگە ئالدىنىپ، ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ ھىلى-مىكىر ئارغامچىسىغا باغلىنىپ ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ھېچ نەرسىنى سەزمەستىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

    بەيتۇللاھقا بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، خاتالىقتىن پاك بولۇپ قايتقان ھاجىلىرىمىز، خۇددى مۇستەھكەم قەسىرلەرنى ياساپ، ئاندىن ئۇنى ئاستىدىن كولاپ ئۆرۈۋەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى گۇناھ-مەسىيەت بىلەن زايا قىلىۋەتمەڭلار. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِن بَعْدِ قُوَّةٍ أَنكَاثًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار» [نەھلە سۈرىسى 92-ئايەت ].

    ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن: بەزى كىشىلەر بەيتۇللاھغا بېرىپ ھەج-تاۋاپ قىلىپ كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار نامازدىن ئىبارەت بولغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتكە سەل قارايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ناماز ئوقۇمايدۇ، ھەقىقەتتە بۇنداق كىشىلەرنىڭ قىلغان ھەججى ھەج بولمايدۇ، چۈنكى نامازنى تەرك قىلىشنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان دەلىللەر بايان قىلىنغان.

    ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ، قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ ﴾ تەرجىمىسى: « سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: بىز ناماز ئوقۇمىدۇق .»[سۈرە مۇددەسسىر 42-43-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار» [سۈرە تەۋبە 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

    يەنە بىر ئايەتتە: ﴿فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ﴾ تەرجىمىسى: « ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). » [سۈرە تەۋبە 11-ئايەت].

    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك ۋە كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    بۇرەيدە رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەرت ياكى ئەھدە نامازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك قىلىدىكەن، ھەقىقەتتە كاپىر بولىدۇ.» [ تىرمىزى رىۋايىتى].

    تابىئىنلەردىن بىرى بولغان شەقىق ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا ئەمەللەرنى تەرك قىلغان كىشىنى كاپىر دەپ قارىمايتتى .» [ تىرمىزى رىۋايىتى]. (يەنى بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلار نامازنى تەرك قىلغان كىشىنى كاپىر دەپ قارايتتى دېگەن مەنا روشەن ئىپادىلىنىدۇ-تەرجىماندىن).

    بەزى كىشىلەر ھەج قىلىدۇ لېكىن توپلىغان مال-دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنى چىقارمايدۇ. زاكاتنىڭ قۇرئان كەرىمدە ناماز بىلەن بىرگە بايان قىلىنغانلىقى، زاكاتنىڭ نەقەدەر مۇھىم پەرزلەردىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ﴾

    تەرجىمىسى: «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 43-ئايەت ].

    بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشىلەر بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە، نامازنى ئادا قىلغۇنچە ۋە ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، ئۇلاردىن پەقەت ئىسلام دىنى بۇيرىغان ھەقلەر ئىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرى ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ.» [ بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ زاكات بېرىشتىن باش تارتقۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى، ئۇنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان مەشھۇر سۆزى تارىخ بىتىدە ھازىرغىچە ساقلانماقتا: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى!، مەن ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكەنلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئادا قىلىپ كەلگەن زاكات ماللىرىدىن بىرەر ئوغلاق ياكى ئارغامچا چاغلىق نەرسىنى بېرىشتىن باش تارتىدىكەن، مەن ئەلۋەتتە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    بەزى كىشىلەر ھەج قىلىدۇ، ئەمما رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمايدۇ، روزا تۇتۇش ھەج قىلىشتىنمۇ بەكراق تەكىتلەنگەن ۋە ھەجدىن بۇرۇن پەرز قىلىنغان ئىبادەتنىڭ بىرىدۇر، ھەج قىلىپ باشقا مۇھىم پەرزلەرنى ئادا قىلمىغان كىشىلەر خۇددى بىشى يوق جەسەتتىكى باشقا ئەزالارنى داۋالاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ.

    ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، كامىللىقىنى ساقلاش، دىننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە يوق قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىشى، ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھاياتىغىچە ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇھتەھكەم-تەۋرەنمەي تۇرىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّـهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ﴾

    تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار.» [سۈرە پۇسسىلەت 30-ئايەت ].

    ھەج قىلغاندىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، نەپسىنى ئىسلاھ قىلىپ، كېلەچىكى ئۈچۈن يېڭى بىر پىلان-لاھىيسىنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق، ھەج قىلىش بىلەن تولۇقلانغان ئىسلامدىكى بەش ئاساسى پىرىنسىپنى ھاياتىدا مۇستەھكەملىشى لازىم.

    بۇنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان كىشى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن باشقا بارلىق پەرز، ۋاجىپ شۇنداقلا سۈننەت-مۇستەھەپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    ئاللاھ بارلىق ھاجىلىرىمىزنىڭ قىلغان ھەججىنى قوبۇل قىلسۇن، ئۇلارنى خاتالىقلاردىن پاكلاپ يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك پاك قىلسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىپ، ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىدىغان سالىھلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىدىغان ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن . ئاللاھ بۇنىڭغا ئىگە بولغۇچى ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.