×
Image

يازلىق تەتىل ۋە ياشلار - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ22/7/1432ھـ 2011-يىلى06-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا يازلىق تەتىل ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى، تەتىل كۈنلىرىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىككە پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا دىنى تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ....

Image

رامزان ئېيى باشقا ئايلارغا ئوخشىمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 30/8/1430ھـ/2009-يىلى08-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان بۇ ئايدا روزا تۇتۇش، تەھەججۇد ۋە تەراۋىھ، قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشىغان ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرگە يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ يولىدا سەدىقە بېرىش، سەدىقىنىڭ پەزىلىتى، رامزاندا قىلىنغان ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى....

Image

زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تۈرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۇسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلۇپ، يىتىملارنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋىلىش،ئاياللىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلماسلىق، ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەققىنى ۋاختىدا بەرمەسلىك،....

Image

ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نېئمەت - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/6/1429ھـ 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نېئمەت، قىممەتلىك گۆھەر ئىكەنلىكى، ھەر-خىل ساغلام بولمىغان كۈز قاراش ۋە ئىتىقاد، ناچار ئەخلاقلارنىڭ ئەۋىج ئالغان بۇگۇنكى كۈندە، ئاللاھ....

Image

ئاللاھنى يادئىتىپ زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1429/6/9ھـ /2008- يىلى6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە مەنپەئەتلىك ئىبادەت ،ئۇنى تەرك ئىتىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكى، مۆمىننىڭ ھەر ۋاقىت- ھەر زامان ئاللاھنى ئىسىدىن چىقارماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى،كىمىكى ئاخىرقى نەپىسىدە« لائىلاھە ئىللەللاھۇ....

Image

چەتئەل ۋە  ۋەتەن ئىچىدە  ئىلىم تەھسىل قىلغان دىنى زىيالىلار ۋەزىپىسىنى ئۇنۇتتىمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ماقالىدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر دىنى زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىر ئىكەنلىكى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈتماسلىقى، ھەر قانداق ۋاستلارنى قوللىنىش ئارقىلىق دىنى دەۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆزى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىق، دىنى دەۋەتنى كۆز قارچۇغۇسىدەك بىلىش، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىش ۋە دىنى دەۋەتچىلىكىمىزدىكى بەزى بىر كەمچىلىكلەر...قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت، سىيرە....

Image

راستچىللىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ28/01/1433ھـ 2011-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئالاقىدارلىق چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلاردا راستچىللىقغا بۇيرۇيدىغانلىقى، راستچىللىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولىدىغانلىقى، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

دۇئا بىلەن سەۋەپنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«دۇئا بىلەن سەۋەپنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدە، ﺩﯗﺋﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﺎﺭﻩ - ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻻﺯﯨﻢلىقى، «ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻞ، ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻞ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.

Image

گوللاندىيەدە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىشلەنگەن فىلىمگە رەددىيە - (ئۇيغۇرچە)

ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان يالغان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ فىلىمگە رەددىيە قايتۇرۇشنى دىنىمنى، پەيغەمبىرىمنى قوغداش يولىدىكى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر....

Image

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قانداق قوغدايمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

Image

مۆجىزە ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«مۆجىزە ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدە،ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغانلىقى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە ــ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكى بايان....

Image

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/9/1430ھـ/2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئىچىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقى، ئېتىكاپنىڭ شەرت ۋە ۋاجىبلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.