أفطر في اليوم الذي ينوي فيه الرجوع لبلده
أعرض المحتوى باللغة الأصلية
فتوى مترجمة إلى اللغة الأويغورية، عبارة عن سؤال أجاب عنه القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب، ونصه : « سافرت من مدينتي بعد صلاة العشاء وكان يجب علي الرجوع في نفس اليوم حيث إنني وصلت بعد صلاة الفجر تقريبا، وأبلغت من أنا عندهم بإيقاظي الظهر لنيتي السفر للعودة إلى أهلي وقمت وصليت الظهر وأحضروا لي غداء تغديت وسافرت فما الحكم في ذلك ؟».
ئۆز يۇرتىغا قايتىدىغان كۈنىدە روزا تۇتمىغان كىشى توغرىسىدا
أفطر في اليوم الذي ينوي فيه الرجوع لبلده
< ئۇيغۇرچە >
ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى
القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
ئۆز يۇرتىغا قايتىدىغان كۈنىدە روزا تۇتمىغان كىشى توغرىسىدا
38933 – نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
يۇرتۇمدىن خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن سەپەرگە چىققان ئىدىم، مەن شۇ كۈنى قايتىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى، بامدات نامىزىدىن كېيىن كۆزلىگەن جايغا يىتىپ كەلدىم، مېنى كۈتىۋالغانلارغا: مەن بۈگۈن قايتىمەن دەپ پېشىن ۋاقتىدا ئويغىتىپ قويۇشنى، ھاۋالە قىلدىم، پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ماڭا چۈشلۈك تاماق ئىلىپ كەلدى، مەن يېمەك يەپ بولۇپ يولغا چىقتىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
سۆزىڭىزدىن رامىزاندا شۇ كۈندە روزا تۇتمىغانلىقنىڭ ھۆكمىنى سوراۋاتىسىز، شۇنداقلا سىزنىڭ بىر قانچە سائەت قاتناش ۋاستىسى بىلەن يۈرگەنلىكىڭىزدىن قارىغاندا، ئۆز يۇرتىڭىز بىلەن سەپەر قىلغان جاينىڭ ئارىلىقى يىراق ئىكەن، بۇنداق يول يۈرۈش سەپەر قىلغانلىق دېيىلىدۇ. رامىزاندا سەپەر قىلغان كىشى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىق دۇرۇس بولىدۇ، سىز شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.