الذهاب إلى الأماكن العامة التي فيها منكرات
أعرض المحتوى باللغة الأصلية
فتوى مترجمة إلى اللغة الأويغورية، عبارة عن سؤال أجاب عنه القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب، ونصه : « هل يحل لي أن أذهب إلى النزهة مع زوجي وأولادي في أماكن مثل الحدائق العامة والمتاحف والمعارض، مع عدم الاختلاط أو تضييع الصلاة، مع العلم بضرورة كشف وجهي في هذه الأماكن، وهل يحل لنا اصطحاب أطفالنا إلى الشواطئ ( البلاجات ) للسباحة، مع فساد هذه الأماكن وانتشار العري والإباحية فيها، وبماذا نرد على من يقول : إننا نحرم التمتع بما خلق الله، مع عدم قدرة الإنسان على غض بصره عن المحرمات في هذه الأماكن لكثرتها وانتشارها ؟ ».
چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئاممىۋىي سورۇنلارغا بېرىش توغرىسىدا
الذهاب إلى الأماكن العامة التي فيها منكرات
< الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur >
ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى
القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئاممىۋىي سورۇنلارغا بېرىش توغرىسىدا
8901 - نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن يولدىشىم ۋە پەرزەنتلىرىم بىلەن خەلق باغچىسى، موزىيخانا، يەرمەنكە قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرمىگەن ۋە نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمىگەن ئاساستا، بۇ يەرلەردە يۈزۈمنى ئىچىۋېتىپ يۈرسەم بولامدۇ؟. پەرزەنتلىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ دېڭىز بويلىرىغا بارساقچۇ؟، بۇ ئورۇنلاردا تۈرلۈك مۇنكەر ئىشلار، بۇزۇقچىلىقلار، يىرىم-يالىڭاچ ئاياللار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن چەكلىنىمىزمۇ؟ دەيدىغان كىشىلەرگە قانداق جاۋاپ بېرىمىز، بۇنداق جايلاردا مۇنكەر ئىشلار كۆپ تارقالغانلىقتىن چەكلەنگەن ئىشلاردىن كۆز يۇمۇشقا قادىر بولالمايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلار كەڭ تارقالغان ئورۇنلارغا بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىزگە ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىش، بىزنى ھارام ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن بىھاجەت قىلىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋا مەجمۇئەسى 12-توم 361-بەتتىن ئىلىندى].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.