الإكثار من الاستحمام للصائم

أعرض المحتوى باللغة الأصلية anchor

translation ئاپتور : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
1

روزىدارنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇيۇنىشى توغرىسىدا

3.1 MB DOC
2

روزىدارنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇيۇنىشى توغرىسىدا

75.9 KB PDF

فتوى مترجمة إلى اللغة الأويغورية عبارة عن سؤال أجاب عنه فضيلة الشيخ محمد بن صالح بن عثيمين - رحمه الله -، ونصه: «ما حكم الاستحمام في نهار رمضان أكثر من مرة، أو الجلوس عند مكيف طوال الوقت، وهذا المكيف يفرز رطوبة؟».

    روزىدارنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇيۇنىشى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    الإكثار من الاستحمام للصائم

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح بن عثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    روزىدارنىڭ بىر قانچە قېتىم يۇيۇنىشى توغرىسىدا

    106460- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    روزىدار كۈندۈزدە بىرقانچە قېتىم يۇيۇنسا ياكى كۆپ ۋاقىت ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ھاۋا سوۋۇتقۇچ نەملىك چىقىرىدىغان تۇرسا؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    روزىدارنىڭ يۇقىرىدا سورىغىنىدەك قىلىشى دۇرۇس، بۇ ئىشلار روزىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۇزمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ۋاقتىدا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ياكى تەشنالىقتىن ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇياتتى. ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ رامزاندا ئىسسىق ياكى تەشنالىق سەۋەبىدىن كىيىملىرىنى سۇ بىلەن ھۆل قىلىپ كىيىۋالاتتى، بەدەنگە نەملىك يەتكۈزۈش روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ئەمەس.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "ئىسلام پەتىۋاسى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2- توم 130- بەتكە قارالسۇن.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    كاتوگورىيەلەر