×
Image

ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

قەرزدارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن تىجارەت بانكىسىدىن يىللىق قەرەللىك تۆلەش مۇددىتى بىلەن ئىككى يۈز ئەللىك بىرمىڭ توققۇز يۈز (251900) رىيال قەرز ئالدىم. مەن مۇشۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

رامىزاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

رامىزان ئىچىدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايون بىلەن رامىزاننىڭ باشلىنىشى پەرقلىق بولغان باشقا رايونغا سەپەر قىلغانلىق توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن ياشاۋاتقان رايوندا رامىزان روزىسى باشلاندى، رامىزان ئىچىدە روزا تۇتۇشنى بىزدىن بىر كۈن كېيىن باشلىغان باشقا جايغا سەپەر قىلدىم. مەن مۇشۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ماسلىشىپ روزىنى داۋاملاشتۇرىمەنمۇ؟ ئۇنداق قىلسام مەن 31 كۈن روزا تۇتقان بولىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

رامىزان روزىسىنى ئاغزاكى نىيەت قىلىش بىدئەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

بىز ياشاۋاتقان رايوندا، رامىزان روزىسىنى تۇتقاندا:«ئى ئاللاھ! مەن سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، مىنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى گۇناھلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن» دەپ نىيەت قىلىمىز. بىز بۇ سۆزنىڭ ئەرەبچىسىنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ بۇ شەكىلدە نىيەت قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ توغرا بولسا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار، ئەگەر توغرا بولمىسا قۇرئان-ھەدىستە كۆرسىتىلگەن توغرا شەكىلدىكى نىيەت قىلىشنى تەلىم....

Image

روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى ئادەتتىكى ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا قانداق بولىدۇ؟

Image

سەدىقە پىتىر بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ سەدىقە پىتىر بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

Image

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

ئوغۇللار قىز ساۋاقدىشى كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى تەڭلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، يەنى كۆرۈشەمدۇ ياكى كۆرۈشمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Image

پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)

مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

Image

ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار - (ئۇيغۇرچە)

«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.

Image

قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.

Image

كەبە شەرىپنى سۆيۈش شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن - (ئۇيغۇرچە)

ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى جەريانىدا كەبىنى سۆيۈش توغرىمۇ؟