×
مەن ياشاۋاتقان رايوندا رامىزان روزىسى باشلاندى، رامىزان ئىچىدە روزا تۇتۇشنى بىزدىن بىر كۈن كېيىن باشلىغان باشقا جايغا سەپەر قىلدىم. مەن مۇشۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ماسلىشىپ روزىنى داۋاملاشتۇرىمەنمۇ؟ ئۇنداق قىلسام مەن 31 كۈن روزا تۇتقان بولىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    رامىزان ئىچىدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايون بىلەن رامىزاننىڭ باشلىنىشى پەرقلىق بولغان باشقا رايونغا سەپەر قىلغانلىق توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿سافر أثناء رمضان إلى بلد اختلف مع بلده في بداية الشهر﴾

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    رامىزان ئىچىدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايون بىلەن رامىزاننىڭ باشلىنىشى پەرقلىق بولغان باشقا رايونغا سەپەر قىلغانلىق توغرىسىدا

    106482- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەن ياشاۋاتقان رايوندا رامىزان روزىسى باشلاندى، رامىزان ئىچىدە روزا تۇتۇشنى بىزدىن بىر كۈن كېيىن باشلىغان باشقا جايغا سەپەر قىلدىم. مەن مۇشۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ماسلىشىپ روزىنى داۋاملاشتۇرىمەنمۇ؟ ئۇنداق قىلسام مەن 31 كۈن روزا تۇتقان بولىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    بۇ مەسىلىدە: رامزاننىڭ باشلىنىشى ئۆزى تۇرغان رايوندىن، رامزاننىڭ ئاخىرى ئۆزى سەپەر قىلىپ كەلگەن رايوندىن ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىككى يۇرتتا بولۇپ جەمئى 28 كۈن روزا تۇتقان بولسا، بىر كۈن قازا روزا تۇتۇپ 29 كۈننى تولۇقلايدۇ، چۈنكى ھىجىرىيە ئايلىرى 29 كۈندىن ئاز بولمايدۇ. سەپەر قىلىپ كەلگەن رايوندا 30 كۈن تولۇق روزا تۇتقان بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە ئاخىرقى كۈندىمۇ روزا تۇتىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېغىز ئاچىدۇ ۋە بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.

    ئىلمى تەتقىقات دائىمى كومىتېتى پەتىۋالار مەجمۇئەسى (10\129).