مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟
مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
112104-نۇمۇرلۇق سوئال
سوئال:
مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش بۇيرۇقى يۈزلەنمىگەن، ئۇ كىشى ئۆتۈپ كەتكەن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغان رامىزان روزىسى پەرز بولغان كىشىلەردىن ئەمەس. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ: ["مۇھاجىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ" دېگەن رىسالىسى 1-توم 8-بەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.