×
بەزى كىشىلەر ئەزالارنىڭ ئەمىلىنى ئىماننىڭ ئاساسى ئەمەس بەلكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى دەپ قارايدۇ ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ئىماننىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆپ بولۇپ كەتتى. مۇشۇ سۆزنىڭ توغرا تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن (ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلسۇن). ئەزالار ئارقىلىق ئىشلەيدىغان ئەمەلنىڭ ئىماندىكى مەرتىۋىسىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    ئەمەل ئىمانىڭ ئاساسى بىرقىسمى بولۇپ ئۇنىڭسىز ئىمان توغرا بولمايدۇ

    عمل الجوارح ركن وجزء من الإيمان لا يصح بدونه

    < الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    ئەمەل ئىمانىڭ ئاساسى بىرقىسمى بولۇپ ئۇنىڭسىز ئىمان توغرا بولمايدۇ

    119068-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    بەزى كىشىلەر ئەزالارنىڭ ئەمىلىنى ئىماننىڭ ئاساسى ئەمەس بەلكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى دەپ قارايدۇ ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ئىماننىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆپ بولۇپ كەتتى. مۇشۇ سۆزنىڭ توغرا تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن (ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلسۇن). ئەزالار ئارقىلىق ئىشلەيدىغان ئەمەلنىڭ ئىماندىكى مەرتىۋىسىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى ۋە ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: ئىمان سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، ئۇ كەم-زىيادە بولىدۇ. ئەمەلسىز ئىمان بولمىغاندەك تىل بىلەن ئىقرار قىلىقسىز ئىمان بولمايدۇ. ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالار بىلەن ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا روشەن يورۇتۇپ بىرىلگەن مەسىلىدۇر. ئەمما ئەمەل ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى دېگەن سۆزنى ئەشئەرىلەر ۋە باشقا پىرقىلەر ئوتتۇرغا قويغان. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەشئەرىلەرنىڭ ئىمان توغرىسىدىكى سۆزى بولسا مۇرجىئىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنىڭ بىرىدۇر.

    ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلار، تابىئىنلار، ئۇلاردىن كىيىنكى ئىسلام ئالىملىرى ۋە بىز ئۇچراشقان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، ئەمەلىيتى بىلەن ئىجرا قىلىش ۋە قەلبى بىلەن تەستىقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۈچتىن بىرى چالا قالسا ئىمان توغرا بولمايدۇ". (لەلكائىينىڭ: "ئەھلى سۈننە ئىتىقادىنىڭ ئاساسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى" ناملىق ئەسىرى 5-توم 956-بەت ۋە پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 209-بەتكە قارالسۇن.

    ئىمام ئاجۇرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىڭلاركى، (ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن) ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە، ئىمان ئېيتىش بارلىق ئىنسانلارغا پەرزدۇر، ئىمان قەلبىدە تەستىقلاش، تىل بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاندىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمان پەقەت قەلبىدە ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش بىرگە بولىشى كېرەك. قەلبتە ئىشىنىش ۋە تىلدا ئىقرار قىلىش ئەزالار ئارقىلىق ئەمەل قىلىشقا ئىلىپ بارالمىسا مەزكۇر ئىمان توغرا بولمايدۇ. مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش تولۇق بولغاندا، ئۇ كىشى ھەقىقى مۆمىن بولىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ". [ئىمام ئاجۇرىينىڭ: "ئەششەرىيئە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 611-بەتكە قارالسۇن].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بار، بىرىنچى: ئوچۇق ئاشكارا كۇپىرنى ئىسپاتلاش. ئىككىنچىسى: يوشۇرۇن كۇپىرنى ئىسپاتلاش.

    ئەمما ئىككىنچى تەرىپى بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىماننىڭ سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولىشىدۇر. بىر كىشىنىڭ قەلبىدە ئىمان مۇستەھكەم بولۇپ يىللارچە ياشاپ ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر سەجدە قىلماستىن، روزا تۇتماستىن، شارائىتى تۇرۇپ ھەرەمگە بېرپ ھەج قىلماستىن، ئاللاھ تائالا بېكىتكەن زاكاتنى ئادا قىلماستىن مۆمىن بولالىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمايدۇ. بۇنداق ئىش قەلبىدە ئىمان ئورنىغان ھەقىقى مۆمىندىن سادىر بولمايدۇ، پەقەت قەلبىدە ئىسلامغا بولغان ئۆچلۈك، نىپاقلىق بولغان ئىنساندىن سادىر بولىدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 616].

    ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھاپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئارىسىدا تەۋھىدنىڭ قەلب بىلەن بولىدىغانلىقى (يەنى بىلىپ ئىشىنىشتىن ئىبارەت)، تىل بىلەن بولىدىغانلىقى (يەنى ئىقرار قىلىشتىن ئىبارەت)، ئەمەل بىلەن بولىدىغانلىقىدا (يەنى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى) ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئەگەر بۇ ئۈچتىن بىرەرسى كام بولىدىكەن بۇ كىشى گەرچە تەۋھىدنى ئىقرار قىلسىمۇ مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئىقرار قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمىدى، ئۇ پىرئەۋن ۋە ئىبلىسقا ئوخشاش ھەقتىن باش تارتقۇچى كاپىرلادىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىنسان سىرتقى كۆرۈنۈشىدە تەۋھىدكە ئەمەل قىلغاندەك كۆرۈنۇپ، ئەمما ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئىتىقاد قىلمايدىكەن ئۇ خالىس مۇناپىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا مۇناپىقنىڭ خەتىرى كاپىرنىڭ خەتىرىدىن چوڭ بولىدۇ. توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. [دۇرەرۇر سىەنىييەتى فى ئەجۋىبەتىل نەجدىييە 2-توم 124-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن! بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنى ئىنسان قەلىبدە چىن ئىتىقاد قىلىش، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈش بىلەن، تىلدا ئىقرار قىلىش، كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىمەسلىك بىلەن، ئەزالاردا ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى مۇسۇلماننى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەمەللەرنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن بىرەرسى تولۇق بولمىسا، ئۇ كىشى دىنىدىن يانغان كىشىلەر تۈرىدىن بولىدۇ. [دۇرەرۇر سەنىييەتى10-توم87-بەت].

    ئەھلى سۈننە ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق ۋە روشەن بايان قىلىپ بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى بەزى كىشىلەرنىڭ: "ئەزالارنىڭ ئەمىلى ئىماننىڭ ئاساسى ئەمەس بەلكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرىتلىرىدىن ئىبارەت" دېگەن مەزمۇندىكى ئەسەرلەردىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا پەتىۋا بەردى. پەتىۋا كومىتېتى يەنە بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنى مۇرجىئىلەر (ئەمەلنى ئىماندىن ئايرىغۇچىلار) دەپ ئوچۇق بايان قىلدى. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى پەتىۋالىرى 2-توم127-139-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

    ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى ئىماننىڭ بىر قىسمى ۋە ئاساسىدۇر، ئەمەل بولمايدىكەن ئىمان بولمايدۇ، ئەمەلنىڭ بولماسلىقى قەلب ئەمەللىرىنى يوق قىلىدۇ. چۈنكى قەلب ئەمەللىرى بىلەن بەدەن ئەمەللىرىنىڭ ئارىسىدا زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    كىمكى قەلبى بىلەن ئىماننى تۇرغۇزۇپ، مەزكۇر ئىمان تەقەززا قىلىدىغان ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋە ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئادا قىلمىسىمۇ ئىمان توغرا بولىدۇ دەپ گۇمان قىلغان بولسا، ئۇ كىشى چەكلەنگەن بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغان، ئىچكى-تاشقى كۆرۈنىشى ئارىسىدا بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىقى بولغان بىر ئىشنى ئىنكار قىلغان بولدۇ. شۇنداقلا، مۇرجىئەلەرنىڭ ئېتىبارغا ئىلىنمايدىغان سۆزىنى ئوتتۇرغا قويغان بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.