×
بىر كىشى ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا ئۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ دەپ قارىشى توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلىنىدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1436

    لماذا الاهتمام بالحجاب وهو ليس من أركان الإسلام

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد الله بن جبرين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1436

    ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ؟

    9515-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    بىر كىشى ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا ئۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ دەپ قارىشى توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بۇ توغرا قاراش ئەمەس. ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھىجابلىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر (يەنى ۋاجىبتۇر). ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ يۈزى، كۆكسى ۋە باشقا زىننەت ئورۇنلىرىنى ئوراشقا، شۇنداقلا، ئۇلارنى ھىمايە قىلىش، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئىبارەت ئىشلاردىن قوغداش ئۈچۈن ھىجابنى پەرز قىلغان. چۈنكى قىز-خانىملار شەھۋەتنىڭ ئورنى، نەزەر سالغۇچىلار ئۈچۈن پىتنىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر. قىز-خانىملار ئوچۇق، يىرىم-يالىڭاچ يۈرسە، پىگورلىرىنى ئاشكارا قىلسا، بۇ سەۋەپلىك بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تەبىئىي مايىل بولۇپ شەيتانى ھەۋەسىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. مانا بۇ جەمئىيەتتە زىنا-پاھىشەنىڭ باشلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاياللارنى پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ ھىجابلىنىشنى پەرز قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ﴾ تەرجىمىسى: «لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن.» [نۇر سۈرىسى 32-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. لېچەك ئاياللار بېشىدىن چۈشۈرۈپ يۈزى ۋە كۆكرىكىنى ئورايدىغان نەرسە، جىلباب پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان كىيىمدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار.» [ئەھزاب سۈرىسى 53-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ھىجاب بولسا ئاياللارنى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئورنى قىلىۋېلىشتىن ھىمايە قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.