×
ھاجەت ئادا قىلغىلى ھاجەتخانىغا كىرگەندە قان تامچىسىنى كۆردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دېگەن شەك پەيدا بولدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    قىز-خانىملار پاكلىق كۈنلىرىدە قان تامچىسى كۆرسە روزا تۇتامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    ترى نقطة من الدم فهل تصوم ؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح بن عثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    قىز-خانىملار پاكلىق كۈنلىرىدە قان تامچىسى كۆرسە روزا تۇتامدۇ؟

    93793- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھاجەت ئادا قىلغىلى ھاجەتخانىغا كىرگەندە قان تامچىسىنى كۆردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دېگەن شەك پەيدا بولدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ئىسپاتلىنىشچە بىر تامچە قان كېلىش بىلەن ھەيزدار ھېسابلانمايدۇ. قىز-خانىملار يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ناماز، روزىدىن چەكلەنمەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بىركىشى: ئايال كىشىدىن رامىزاندا تامچە قان كەلسە، يەنى بۇ ئىش رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملاشسا، ئۇ ئايال روزا تۇتىۋىرەمدۇ، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قان تامچىسى ھەيز بولماستىن بەلكى تومۇردىن كەلگەن قاندۇر." [مۇسلىمىلەر پەتىۋاسى 1-توم 137- بەت].

    شەيخ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئىسلامنىڭ ئومۇمى پرىنسىپىدا، ئايال كىشى ھەيز ۋە نىپاستىن پاك بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلسا، يەنى ھەيز-نىپاس ئاخىرلىشىپ ئاق نەرسە كەلسە (بۇنى ئاياللار ياخشى بىلىدۇ) ئۇنىڭدىن كېيىن دۇغ ياكى ساغۇچ رەڭ ۋەياكى قان تامچىسى ياكى نەملىك قاتارلىق نەرسىلەر كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ناماز-روزىدىن، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن چەكلەپ قويمايدۇ."

    ["ھەيز توغرىسىدىكى 60 سۇئال" ناملىق ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.