ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتى توغرىسىدا
كاتوگورىيەلەر
Full Description
ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتى توغرىسىدا
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
2014 - 1435
سعة رحمة الله تعالى
« باللغة الأويغورية »
منورة بنت نعمة الله
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2014 - 1435
ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتى توغرىسىدا
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
كائىناتقا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر شەيئىلەردىن ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان چەكسىز رەھمىتىنى ۋە ئۇنىڭ سانى ۋە چېكى يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز.
بەندە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تەلەپ قىلسا، ھرۋاقىت، ھەرزامان ئەتراپىدىكى شەيئىلەردىن، شۇنداقلا ئۆز نەپسىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ دائىمىي رەھمىتىنى تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇددى يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كىتنىڭ قورسىقىدا ئۈچ زۇلمەت ئىچىدە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام گۈلخان ئارىسىدا، مۇسا ئەلەيھىسسالام بوۋاق ۋاقتىدا دېڭىزدا پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەندەك ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّا يَفْتَحِ اللَّـهُ لِلنَّاسِ مِن رَّحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ.» [سۈرە پاتىر 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «ئالەملەرنىڭ پەرىۋەردىگارى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھ رەھمىتىنى 100 گە تەقسىم قىلىپ، ئۇنىڭ 99 قىسمىنى قىيامەت كۈنىدە بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ، قالغان بىر قىسمىنى بولسا زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا چۈشۈرگەن. مەزكۇر رەھمەتنىڭ سەۋەبى بىلەن زېمىندىكى ئىنسانلار بىر-بىرىگە رەھىمدىل بولغاندىن سىرت ھەتتا جان-جانۋار، ئۇچارقۇش ۋە چاھارپايلارغىچە ئۆز بالىلىرىغا رەھىم-شەپقەت قىلىپ، ئۇلارنى ئاسراپ، ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلىشى بىلەن ئۇلارغا يېتىدىغان ئەزىيەتلەردىن قوغدايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ رەھمىتى يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇسۇلمان، كاپىر، ئىنس-جىن ۋە جان-جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ﴾ تەرجىمىسى: «مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر.» [سۈرە ئەئراف 156-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئىنسان بەزىدە ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ كۆپلىكى ۋە ماھىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ۋەياكى ھاياتلىقتا يەتكەن بەزىبىر مۇسىبەتلەر سەۋەبىدىن، ھاياتى دۇنياسىنى زۇلمەت قاپلاپ، ئۆزىگە ھېچبىر چىقىش يولى يوقتەك ھېس قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم بولىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ. مېھرىبان ئاللاھ گۇناھكار بەندىلىرىگە ئۆز رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى توغرىسىدا نىدا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ: "بۇ ئايەت ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان گەدەنكەشلەرنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، كىمكى تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتسا، گۇناھى ھەرقانچە دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى، شېرىك ئەمەللەرنىڭ تەۋبىسىز مەغپىرەت بولمايدىغانلىقى، تەۋبە قىلماستىن گۇناھنى يۈدۈپ يۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ،" دەپ بايان قىلغان.
ئابدۇراھمان ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «قىرىپ كەتكەنلىكتىن قىشى كۆزىگە چۈشكەن ۋە ھاسسىغا تىيەنگەن ھالدا بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: بارلىق گۇناھلارنى ئىشلىگەن، كۆڭلى تارتقان ھەرقانداق ئىشتىن يانمىغان، ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە تەقسىم قىلسا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدىغان دەرىجىدىكى ئىسيانكار بىر ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بارمۇ؟، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئىسلامغا كىردىڭمۇ دەپ سورىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بەرھەق مەئبۇد يوق، سەن بولساڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ شاھادەت ئېيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ياخشى ئىشلارنى قىلغىن ۋە يامانلىقلاردىن قول ئۈزگىن. ئاللاھ يامانلىقلىرىڭنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ ئادەم: پىسق-پۇجۇرلىرىمنىمۇ شۇنداق قىلامدۇ، ئى رەسۇلۇللاھ دەيدۇ؟!. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، پىسق-پۇجۇرلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېۋىدى، ئۇ ئادەم: ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! دەپ ھاسىسىغا تايىنىپ تەكبىر ئېيتىپ ماڭغىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى.» [بۇ ھەدىسنى ئالبانى سەھىھ دېگەن].
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تاغۇت پىرئەۋن ئاللاھقا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىلاھلىق داۋاسى قىلغاندا، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلىدۇ: ﴿اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ . فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَّيِّنًا لَّعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن.» [سۈرە تاھا 43-44-ئايەتلەر].
پەرۋەردىگارلىق داۋاسى قىلغان تاغۇتقا نىسبەتەن ئاللاھ تائالا شۇنچە رەھمدىل بولغان ئىكەن، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد يوق دەپ ئىمان ئېيتىپ، كۈنىگە ئاللاھنى بارلىق نوقسانلاردىن پاكلايمەن دەپ تەسبىھ ئېيتقان گۇناھكار بەندىسىگە قانداقمۇ مېھرىبان بولمىسۇن؟!.
ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش بولسا كاپىرلارنىڭ قىلمىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَيْأَسُوا مِن رَّوْحِ اللَّـهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِن رَّوْحِ اللَّـهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ.» [سۈرە يۇسۇپ 86-ئايەت].
ئۈمىدسىزلىك بولسا چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، كاپىرلارنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەستىن، ھەر قانداق ۋەزىيەتتە ئىشلارغا ماددى كۆز قاراش بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ياخشى گۇمان قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۈمىد قىلىش ۋە قورقۇش، تەۋەككۇل قىلىشقا ئوخشاش قەلب ئەمەللىرى مەۋجۇت بولمايدۇ.
مۇسۇلمانلار بولسا ھەرقانداق شارائىتتا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ياخشى گۇماندا بولىشى، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەت ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا قايتىپ چىن دىلىدىن تەۋبە قىلسا كەچۈرۈمگە نائىل بولىدىغانلىقى، قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا چىقىش يولى ئاتا قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارغا شەكسىز ئىشىنىشى ۋە رەھمىتىنى قازىنىشى ئۇچۇن سەۋەپ قىلىشى كېرەك.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلارنىڭمۇ ئەمەلى ئۇنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، دېگەندە، بىركىشى: سىلىمۇ شۇنداقمۇ يا رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سورىۋىدى. رەسۇلۇللاھ: مەنمۇ شۇنداق، ئاللاھنىڭ رەھمىتى مېنى ئۆز قوينىغا ئالمىسا ئەمىلىم مېنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇنەيىن غازىتىدا قولغا چۈشكەن ئەسىرلەرنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقىنىدا، ئەسىرلەر ئارىسىدىن بىر ئايالنىڭ پىزغىم ئىسسىقتا يۈگرەپ يۈرۈپ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەربىر بالىغا بىردىن-بىردىن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەزكۇر ئايالنىڭ بالىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى پەملەيدۇ، ئۇ ئايال، بىردەمدىن كىيىن بىر بالىنى قولىغا ئىلىپ باغرىغا باسىدۇ-دە، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سۆيۈپ چوڭقۇر مېھرى بىلەن ئېمىتىشكە باشلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى ساھابىلىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئۇ ئانا ئۆز پەرزەنتىنى ئوتقا تاشلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، باياتىن بىرى ئۆزىنىڭ چاڭقىغانلىقىغا قارىماي پەرزەنتىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، يۈرەكلىرى سەكپارە بولغان بۇ ئانىنىڭ ھالىنى كۆرگەن ساھابىلەر بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنىپ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئانا پەرزەنتىنى ھەرگىزمۇ ئوتقا تاشلىمايدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ ئانا پەرزەنتىگە مېھرىبان بولغاندىنمۇ بەكراق مېھرىباندۇر، دەيدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
پىرئەۋن ئاللاھقا گەدەنكەشلىك قىلپ ئىلاھلىق داۋاسى قىلغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننىڭ بۇ قىلمىشىنى تولىمۇ يامان كۆرىدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا پىرئەۋننى دېڭىزدا غەرق قىلغاندا، ئۇ: بەنى ئىسرائىل ئىمان ئېيتقان يەككە-يېگانە ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەقكە ئىمان ئېيتتىم، دەۋاتاتتى، مەن: ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، دېڭىزنىڭ لېيىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىققىنىمنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، دېدى.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان تاغۇتمۇ ھاياتى كۈلپەتكە دۇچار بولغاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماستىن، ئىمان ئېيتىشقا تەمشەلگەن. ئەمما ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈشىنى ۋە ئىنسانىيەتكە تاغۇتلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خار بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشنى تەقەززا قىلغان.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىمدىل بولغان كىشىلەرگىدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى خالايدىكەن، پەقىر-مىسكىنلەرگە، ئەھلى- ئاياللىرىغا، قەۋمى قېرىنداشلىرىغا مېھرى-شەپقەتلىك بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ. ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغانلاردۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەك مېھرىبان بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەڭ يىقىنىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېھر- شەپقەتلىك كىشلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ. زېمىن ئەھلىگە مېھرى-شەپقەتلىك بولۇڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ھايات كەچۈرىدىغان مۆمىن ئەلۋەتتە كىشىلىك تۇرمۇشتا ياخشىلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەتنى لازىم تۇتىدۇ. ئۈممەت ئىچىدىكى دىندا ئوتتۇرھاللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەر، ئاللاھ سۆيگۈسىدە ئۈمىد قىلىش بىلەن قورقۇشنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
مۆمىننىڭ ئاللاھتىن ئۈمىدۋار بولىشى ئۇنىڭ رەھمىتىگە باغلانسا، ئۇنىڭدىن قورقۇشى ئۇنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿نَبِّئْ عِبَادِي أَنِّي أَنَا الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن.» [سۈرە ھىجر 49-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنىڭ قارشىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ الْعَذَابُ الْأَلِيمُ﴾ تەرجىمىسى: «مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر» [سۈرە ھىجر 50-ئايەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشتەك بۇ ئىككى تۈيغۇنىڭ مۆمىن قەلبىدە مۇجەسسەملىشىشى، ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ ھاياتىدا روياپقا چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردۇر.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ناھايتى كەڭرىدۇر، ئەمما بەندە بۇ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سەۋەپ قىلماي، ئۈزلۈكسىز گۇناھ- مەئسىيەت، پىسق- پۇجۇر بىلەن ھەددىدىن ئاشسا، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىگە غەزىپى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا كۈچلۈك ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. ياراتقۇچى زات مەخلۇقاتلىرىغا رەھمەت ۋە مەغپىرىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى، ئاللاھ كەچۈرىدۇ، دەپ گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزۈش جايىز بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇق تەمەننا قىلماستىن بەلكى ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتتىن چەكلىنىش ئارقىلىق سەۋەب قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! ماڭا دۇئا قىلساڭ ۋە مەندىن ئۈمىد قىلساڭ، سېنىڭ قانداق گۇناھلىرىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن سېنى مەغپىرەت قىلىمەن.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالا ئۆزىنى قۇدرەتلىك ۋە ئىنتىقام ئالغۇچى سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى دەپ ئاتىغان بولسا، يەنە شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان دەپمۇ ئاتىغان. سىز چەكسىز مېھرىبان، سېخى، باي، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان، غەم- قايغۇلاردىن خالاس قىلىدىغان، مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرىۋىتىدىغان ھەممىگە قادىر بولغان بۇيۈك بىر پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇنىڭ بۇيۈكلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ رەببىڭىزنىڭ رەھمىتىگە مۇھتاجلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن ھالدا، پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئاللاھقا يىلىنىڭ، ھېچبىر كىشى سىزگە رەبىبىڭىزدىنمۇ بەكراق مېھرىبان ئەمەس. ھېچبىر كىشى سىزنىڭ دەرت ئەلەملىرىڭىزنى رەببىڭىزدىنمۇ بەكراق بىلمەيدۇ. ھېچبىر كىشى سىزگە يەتكەن مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈۋېتىشكە قادىر ئەمەس. ھەرۋاقىت ئاللاھتىن ياردەم سوراڭ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭ، ئۇنىڭ رەھمىتىنى تىلەپ دۇئا قىلىڭ. رەببىڭىز سىزگە دائىمىي مېھرىباندۇر ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەك كاتتىدۇر.