×
ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن دىنى ئوقۇغۇچىلار كېچىلىك ناماز (تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق) پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر ساۋابنى بىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟.

    دىنى ساھەدىكى كىشىلەر بىلىمىگە ئەمەل قىلىشى ۋە نەپلە ئەمەللەرگە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2012 - 1434

    ينبغي لطالب العلم أن يحرص على النوافل ويعمل بعلمه

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد العزيز بن عبدالله بن باز

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    2012 - 1433

    دىنى ساھەدىكى كىشىلەر بىلىمىگە ئەمەل قىلىشى ۋە نەپلە ئەمەللەرگە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك

    125981- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن دىنى ئوقۇغۇچىلار كېچىلىك ناماز (تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق) پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر ساۋابنى بىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟.

    جاۋاب:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

    قۇرئان ۋە سۈننەتتە پەزىلىتى بايان قىلىنغان ئەمەللەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

    بىرىنچى: پەرز قىلىنغان ئەمەللەر. كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇ ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا ئاللاھدىن قورقۇشى زۆرۈر بولغان، بەش ۋاقىت ناماز، زاكات، رامىزان روزىسىغا ئوخشاش پەرز ئىبادەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

    ئىككىنچى: مۇستەھەپ يەنى ئادا قىلىنىشى ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەر. ئۇلار تەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى قاتارلىقلارغا ئوخشاش، مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ دىنى ساھەدىكى ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ بۇ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى دىنى ئالىملار ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە كىشىلەرگە ئۈلگە ۋە يول باشلىغىچىدۇر. بۇ ئەمەللەرنى دائىم ئادا قىلىپ بەزى ۋاقىتتا ئادا قىلالمىسا بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، چۈنكى بۇلار نەپلە ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر.

    ئەمما پەرز نامازلار بىلەن بىرگە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەت نامىزى ۋە تەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملىق ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش دىنى ئالىملارنىڭ ئالاھىدە سۈپىتى ھېسابلىنىدۇ.

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى (24\77).

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.