چىشنى داۋالىتىش ۋە زاماسكا قىلدۇرۇش روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
چىشنى داۋالىتىش ۋە زاماسكا قىلدۇرۇش روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2012 - 1433
﴿حشو الأسنان ووضع الدواء عليها لا يؤثر على الصيام﴾
« باللغة الأويغورية »
علامة الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2012 - 1433
چىشنى داۋالىتىش ۋە زاماسكا قىلدۇرۇش روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
82308 - نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن چىشلىرىمنى داۋالىتىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم چىش دوختۇرىنىڭ يېنىغا بېرىپ چىشلىرىمنى تەكشۈرتۈپ تۈرىمەن، دوختۇر تەكشۈرۈش ئارىسىدا ئاغزىمغا بەزى ئەسۋاپ ۋە دورىلارنى قويىدۇ، بۇ روزىنى سۇندۇرامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
ئېغىزىڭىزغا قويغان دورىدىن بىرەر نەرسىنى قەستەن يۇتۇپ سالمىسىڭىزلا، ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ. مۇمكىن بولسا چىش دوختۇرىڭىزنى كېچە ۋاقتىغا كېچىكتۈرسىڭىز، روزىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.
شەيخ ئىبنى باز بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ، دوختۇرغا كۆرۈنسە، چىشىنى تازىلاتسا ياكى چىشىنى زاماسكا قىلدۇرسا، چىشلىرىدىن بىرەرنى تارتىۋەتكۇزسە شۇنىڭدەك دوختۇر ئۇ كىشىنىڭ ئاغرىق دەردى چەكمەسلىكى ئۈچۈن چىشىغا مەس قىلىدىغان ئۇكۇل ئۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سوئالدا زىكىر قېلىنغان يۇقىرىقى ئىشلار روزىغا ھېچ قانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئەپۇ قىلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەمما چىشنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان دورا ياكى باشقا ماددىلارنى يۇتۇپ سېلىشتىن ساقلىنىش لازىم، شۇنىڭدەك ئوكۇلنىڭمۇ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ غىزا ئورنىدىكى نەرسىلەردىن ھېسابلانمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا روزا سەھىھ ۋە ساغلام بولىدۇ".
ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.