×
مەن ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ياخشى-ياماننى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم: گۇناھدىن قانداق قىلغاندا  ئۇزۇل-كېسىل قول ئۇزۇش مۇمكىن بولىدۇ؟

 گۇناھ-مەسىيەتتىن قانداق قول ئۇزۇمەن؟

كيف أتخلص من المعاصي؟

مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ دۇۋەيش

المفتي: الشيخ محمد بن عبد الله الدويش

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربانجان ئابدۇلكەرىم

المترجم: قربان جان عبدالكريم

  

 گۇناھ-مەسىيەتتىن قانداق قول ئۇزۇمەن؟

سۇئال :

مەن ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ياخشى-ياماننى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم : گۇناھدىن قانداق قىلغاندا  ئۇزۇل-كېسىل قول ئۇزۇش مۇمكىن بولىدۇ؟

جاۋاپ :

جانابى ئاللاھ ئىنساننىڭ روھى گۈزەللىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى بەندىسىگە ھارام قىلغاندا بەندىسىنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويمىدى، بەلكى بەندىسىنىڭ يامان ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا ياردەمچى بولىدىغان ھەر تۈرلۈك قولاي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى.

1- جانابى ئاللاھقا بولغان ئىماننى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن قورقۇش.

2- جانابى ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە كۈزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، بەندىلەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىش- ھەرىكەتلىرىنىڭ يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش.

3- گۇناھ ئىشلەپ ۋاقىتلىق ھۇزۇر ئىلىش بىلەن، ئۇ گۇناھ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازانى سېلىشتۇرۇشى، ھەمدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇتقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك مەرھىمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم.

4- گۇناھ- مەسىيەتكە ھەيدەكچى ۋە ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتىلەردىن يىراق بولىشى، ئەرلەر يات ئاياللارغا، ئاياللار  يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، يامان ئەخلاقلىق دوستلاردىن، گۇناھ -مەسىيەت سادىر بولىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولۇش. بىلىملىك، سالىھ، تەقۋادار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئەۋۋەل جانابى ئاللاھنىڭ پەزلى، ئىككىنچىدىن يۇقىرىقى ۋاستىلار ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلاپ قالالايدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر