×
ئىسلام‬ ‫قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى كۆرە ئىسلام توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە.‬‬‬‬

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

‫ئىسلام

‫قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى كۆرە ئىسلام توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە.

دەلىلدىن خالى نۇسخىسى

بۇ، ئىسلامنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان مۇھىم رىسالىدۇر. بۇ رىسالە قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىبارەت ئەسلى مەنبەدىن ئېلىنغان مۇھىم قائىدە، تەلىمات، ۋە ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ رىسالە مۇسۇلمان بولسۇن ۋە غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان شارائىت ۋە ئوخشىمىغان ئەھۋالدا ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ.

ئىسلام ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن چاقىرقىدۇر، بۇ ئەبەدىي ئىلاھى چاقىرىقتۇر.

ئىسلام ئىنسانلاردىن بىر تۈرگە ياكى بىرەر مىللەتكە خاس بولغان دىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن دىنىدۇر.

ئىسلام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىگە ئۆز قەۋمىنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن چاقىرىقىنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھى چاقىرىقتۇر.

بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دىنى بىر لېكىن شەرىئەتلىرى پەرىقلىقتۇر.

ئىسلام -نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، سۇلايمان، داۋۇد ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بارلىق پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغاندەك- ھەممىنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، تېرىلدۈرگۈچى، ۋاپات تاپقۇزغۇچى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە ئېشىنىشكە چاقىرىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئىشلارنى تەدبىر بىلەن قىلىدۇ، ئۇ ناھايىتىكۆيۈمچان ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇ زات ئىبادەتكە ئەڭ لايىقتۇر. يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غەيرىگە ئىبادەت قېلىنمايدۇ.

ئاللاھ تائالا كائىناتتا بىز كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بولغان مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقتا، يارىتىشتا، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئىبادەتتە ھېچ شېرىكى يوقتۇر.

ئاللاھ تائالا بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ ۋە ئوخشاشمۇ بولالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىگە ئالماشمايدۇ ۋە ئۆز خەلقىدىن ھېچ نەرسىدە گەۋدىلەنمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە بەك كۆيۈمچان ۋە بەك مېھرىباندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە كىتابلارنى نازىل قىلدى.

ئاللاھ تائالا ناھايىتى مېھرىبان بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى خالايىقلارنىڭ ھەممىسىنى قەبرىسىدىن قوزغاپ توپلىغان ۋاقىتتا ئۇلاردىن ئۆزى يالغۇز ھېساب ئالىدۇ، ھەر كىشىنىڭ قىلغان ياخشى، يامان ئەمىلىگە كۆرە جازا-مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا دائىملىق نېمەتلەر بولىدۇ، ئاللاھغا ئىشەنمەي ناچار ئىش قىلغانلارغا ئاخىرەتتە كاتتا ئازاب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتتى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئوخشاشدۇر، بىر تۈرنىڭ يەنە بىر تۈردىن ياكى بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن تەقۋادارلىقتىن باشقا جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى يوقتۇر.

دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەرقانداق بوۋاق ئىمانىي پىترەت بىلەن تۇغۇلىدۇ.

ئىنسانلاردىن ھېچ بىر كىشى خاتا تۇغۇلۇپ قالغان ياكى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ۋارىس بولۇپ قالغان بولمايدۇ.

ئىنسانلارنى يارىتىشتىن بولغان ئەڭ يۈكسەك غايە ئۇ بولسىمۇ: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈندۇر.

ئىسلام ئىنساننى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئىززەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ تولۇق ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى، ئىنساننى ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىشلاردىن، قىلمىشلىرىدىن، تەسەررۇپاتلىرىدىن سورىلىدىغان قىلدى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زېيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلدى.

مەسئۇلىيەت، جازا ۋە مۇپاكات جەھەتتە ئەر- ئاياللارنى ئوخشاش قىلدى.

ئىسلام ئايالنى ئىززەتلىك قىلدى، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىبارغا ئالدى، ئەرلەرنى قادىر بولغان ھالەتتە ئاياللارغا نەپىقە بېرىشنى ۋاجىپ قىلدى، قىزنىڭ نەپىقىسى ئاتىسىغا ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەن ۋە نەپىقە قىلىشقا قادىر بولسا، ئانىنىڭ نەپىقىسى ئوغۇلغا بولىدۇ، ئايالنىڭ نەپىقىسى ئەرگە بولىدۇ.

ئۆلۈم مەڭگۈلۈك يوق بولۇش ئەمەس بەلكى ئەمەل دىيارىدىن جازا-مۇكاپات دىيارىغا يۆتكىلىشتۇر، ئۆلۈم بەدەننى ۋە روھنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، روھنىڭ ئۆلۈمى بولسا بەدەندىن ئايرىلىشتۇر، قىيامەت كۈنى قەبرىدىن قوزغالغاندا روھ يەنە بەدەنگە قايتىدۇ، ئۆلۈمدىن كېيىن روھ يەنە بىر بەدەنگە يۆتكەلمەيدۇ، باشقا بەدەنگە كۆچۈرۈلمەيدۇ.

ئىسلام بۈيۈك ئىماننىڭ ئاساسىغا ئېشىنىشكە چاقىرىدۇ، بۈيۈك ئىمان بولسا: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇرغا ئوخشاش ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇىقى ئەسلى ئىلاھى كىتابلارغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئېشىنىش، بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە ئېشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ تۈگەنچىسىگە ئېشىنىش، ئۇ بولسىمۇ بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئېشىنىش، (شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەگەر دۇنيا ھاياتى ئاخىرقى ھايات بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ھاياتلىق ۋە مەۋجۇتلۇق بىكار ئىش بولغان بولاتتى.) قازا ۋە قەدەرگە ئېشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن، ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىرىن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ئىشلاردا نۇقسانسىزدۇر، ساغلام ئەقىلگە زىت كېلىدىغان، ساپ ئەخلاق رەت قىلىدىغان ئىشلاردا نۇقسانسىزدۇر، پەيغەمبەرلەر بەندىلەرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغۇچىدۇر، پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارلىقنىڭ ۋە ئىلاھلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىر نەرسە يوقتۇر بەلكى ئۇلار باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنساندۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋەھيى قىلغاندۇر.

ئىسلام بۈيۈك ئىبادەت ئاساسى بىلەن يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، بۈيۈك ئىبادەت بولسا: نامازنى ئادا قىلىشتۇر، ناماز دېگەن رۇكۇ، سەجدە، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاللاھنى مەدھىيلەش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىشتۇر. ئىنسان نامازنى ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ئادا قىلىدۇ، نامازدا ھەممەيلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئارىدىكى باي-كەمبەغەللىك، باشلىق، پۇقرا دېگەندەك پەرق يوقىلىدۇ، زاكات بولسا-ئاللاھ تائالا بېكىتكەن ئۆلچەم ۋە شەرتلەرگە مۇۋاپىق- ئاز مىقداردىكى مال بولۇپ، بايلارنىڭ مېلىغا پەرز بولىدۇ، كەمبەغەل ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ، زاكات يىلدا بىر قېتىم پەرز بولىدۇ، روزا بولسا: رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئىپتار قىلىدىغان نەرسىلەردىن چەكلىنىشتۇر. روزا ئىنساندا ئىرادە ۋە سەۋېرچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ. ھەج بولسا:يول جەھەتتە قادىر بولغانلارغا ئۆمرىدە بىر قېتىم مەككىگە بېرىپ ئاالاھنىڭ بەيتىنى مەقسەت قىلىشتۇر، ھەجدە ھەممەيلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتە ئوخشاش بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەڭ، مىللەت پەرقى يوق بولىدۇ.

ئىسلامدا ئىبادەتلەر پەرقلىنىدىغان بۈيۈك ئىشلاردىن: ھەقىقەتەن ئىبادەتلەرنىڭ قانداق ئادا قىلىنىشى، ۋاقىتلىرى، شەرتلىرى ئاللاھ تائالا يولغا قويغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن بويىنچە بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ھېچبىرى ئىبادەتنى زىيادە قىلالمىدى ۋە كېمەيتمىدى، بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەر بۇ بۈيۈك ئىبادەتكە دەۋەت قىلغان.

ئىسلامنىڭ ئەلچىسى بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، مىلادىيە 571-يىلى مەككىدە دۇنياغا كەلدى، مەككىدە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، بۇتپەرەسلىك ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىگە ئورتاق بولمىدى، لېكىن مىللەتكە پايدىلىق بولغان بۈيۈك ئىشلاردا ئۇلارغا ئورتاق بولغان، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرىمۇ بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى ئېدى، قەۋمى ئۇنى«ئەمىن» دەپ ئاتايتتى، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىرىق ياشقا يەتكەندە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۈيۈك مۆجىزەلەر بىلەن كۈچلاندۇردى، ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم بولسا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالامەتلىرىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە ساپ ھالەتتە قالغىنىدۇر. قۇرئان كەرىم بىلەن ئاللاھ تائالا دىننى كامىل قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى مۇكەممەل شەكىلدە تولۇق يەتكۈزدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتمىش ئۈچ ياشقا كېرگەندە ۋاپات بولدى، مەدىنىگە دەپنە قېلىندى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنى بۇتپەرەسلىك، شېرىك، كۇپۇر ۋە جاھالەتنىڭ زۇلمىتىدىن تەۋھىد ۋە ئىمان نۇرىغا چېقىرىش ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئىزنى بىلەن ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام شەرىئىتى بولسا، رەببانى شەرىئەت ۋە ئىلاھى ئەلچىلىكنىڭ خاتىمىسىدۇر، ئۇ مۇكەممەل شەرىئەتتۇر، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى باردۇر. ئىسلام شەرىئىتى كىشىلەرنىڭ دىنىنى، جېنىنى، مال-مۈلكىنى، ئەقلىنى ۋە نەسلىنى بىرىنچى دەرىجىدە قوغدايدۇ. ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندەك، ئىسلام دىنى ئىلگىرىكى بارلىق شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، كىمكى ئىسلامدىن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.

قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلغان كىتابتۇر، ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ۋە جىنلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش توغرىسىدا دوئىل ئېلان قىلدى، بۇ دوئىل بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، قۇرئان كەرىم مىليۇنلىغان ئىنسانلار تېڭىرقاپ قالغان نۇرغۇن مۇھىم سوئاللارغا جاۋاپ بېرىدۇ، بۈيۈك قۇرئان بۈگۈنكى كۈنگىچە نازىل قىلىنغان ۋەھيىلەر ئىچىدە ئەرەب تېلى بىلەن ساقلانغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ھەرىپمۇ كەمىيىپ كەتمىدى، ئۇ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتىدۇ، قۇرئان كەرىم بۈيۈك مۆجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ياكى مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش بەك لايىقتۇر، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى، تەلىماتلىرى، سىيرەتلىرى، مۇھاپىزەت قىلىنغۇچىدۇر، ئىشەنچىلىك راۋىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۈلىنىشىغا مۇۋاپىق نەقل قىلىنغۇچىدۇر، سۈننەتلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن بويىنچە ئەرەب تىلىدا نەشىر قىلىنغان ۋە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولسا ئىسلام ھۆكۈملىرى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىردىن بىر مەنبىيىدۇر، ئىسلام ئۆزىگە مەنسۇب بولغانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئېلىنمايدۇ بەلكى ئىلاھى ۋەھى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئېلىنىدۇ.

ئىسلام ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ ھەتتا ئۇلار مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

ئىسلام سۆزدە، ئەمەلدە، ھەتتا دۈشمىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئادىللىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ.

ئىسلام بارلىق مەخلۇقاتلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ، ئېسىل ئەخلاق ۋە گۈزەل ئەمەللەرگە دەۋەت قىلىدۇ.

ئىسلام راستچىللىق، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىپپەتلىك بولۇش، ھايالىق بولۇش، باتۇر بولۇش، سېخى بولۇش، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش، ئاچ كىشىگە يېمەك بېرىش، خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ۋە ھايۋاناتلارغا كۆيۈنۈش قاتارلىق گۇزەل ئەخلاقلارغا بۇيرىيدۇ.

ئىسلام يىمەك-ئېچمەكتىن پاكىزە نەرسىلەرنى ھالال قىلدى، دىلنى، بەدەننى، تۇرالغۇ جاينى پاكىز تۇتۇشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرلەرنى بارلىق پاك ئىشلارغا بۇيرىغانغا ئوخشاش تۇرمۇشلۇق بولۇشنى ھالال قىلدى.

ئىسلام ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، كۇپۇش بولۇش، بۇتقا چوقۇنۇش، ئاللاھ توغرىسىدا ئىلىمسىز سۆز قىلىش، ئەۋلادلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئېھتىرام قىلىنىدىغان جاننى ئۆلتۈرۈش، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى قىلىش، زىنا قىلىش ۋە لىۋات قىلىشتەك ئاساسلىق ھارام ئىشلاردىن چەكلىدى. جازانىنى ھارام قىلدى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، بۇت-ھەيكەللەر ئۈچۈن بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلدى. چوشقىنىڭ گۆشىنى باشقا نىجاسەت ۋە پاسكىنا نەرسىلەرنى يېيىشنى ھارام قىلدى. يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىشنى ھارام قىلدى، جىڭ-تورۇزۇلاردا كام بېرىشنى ھارام قىلدى، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشنى ھارام قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاملارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن.

ئىسلام يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ۋاپاسىزلىق، خىيانەتچىلىك، گوللامچىلىق، ھەسەتخورلۇق، ھىلە-مېكىر قىلىش، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم قىلىش ۋە بارلىق سۆكەلگۈچى ناچار ئەخلاقلاردىن چەكلىدى.

ئىسلام باشقىلارغا زېيان يەتكۈزۈدىغان ئىقتىسادىي مۇئامىلاتلاردىن چەكلىدى، جازانىدىن، زېيان يەتكۈزۈشتىن، ئالداشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن، ساختىپەزلىك قىلىشتىن ياكى ئومۇمغا، جەمئىيەتكە، خەلققە ۋە شەخسلەرگە زېيان يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن چەكلىدى.

ئىسلام ئەقىلنى ساقلاش ئۈچۈن كەلدى، ھاراق ئېچىشكە ئوخشاش ئەقىلنى بۇزىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ھارام قىلدى، ئىسلام ئەقىلنىڭ شەئنىنى ئۈستۈن قىلدى، ئەقىلنى بۇيرۇقنىڭ باغلانتىسى قىلدى، ئەقىلنى خۇراپات، بۇتپەرەسلىكنىڭ باغلاقلىرىدىن ئازاد قىلدى، ئىسلامدا سىر ئەسرار يوق ياكى بىر مىللەت ياكى بىر تۈرگە خاس بولۇپ باشقىلارنى ئايرىيدىغان ھۆكۈملەر يوق، ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ۋە شەرىئەتنىڭ ھەممىسى ساغلام ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ ئادالەت ۋە ھېكمەتنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇندۇر.

باتىل دىنلار ئەقىلگە زىت كېلىدىغان ۋە ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلارنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى قوبۇل قىلمىسا، دىنى ساھەدىكىلەر ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرۇپ، دىن ئەقىلنىڭ ئۈستىدە، دىننى چۈشىنىش ۋە دىننىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشىدا ئەقىلگە ئورۇن يوق دەيدۇ. ئىسلام بولسا دىننى ئەقىلنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇر دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ، باتىل دىن ساھىبلىرى ئىنساندىن ئەقلىنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىسلام بولسا ئىنساندىن ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشى ئۈچۈن ئەقلىنى ئويغۇتۇشنى ئىرادە قىلىدۇ.

ئىسلام توغرا ئىلىمنى ئۇلۇغلايدۇ، ھاۋايى-ھەۋەستىن خالى بولغان ئىلمى تەتقىقاتقا قىزىقتۇرىدۇ، ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كائىناتقا نەزەر سېلىشقا ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئىلىم-پەننىڭ توغرا بولغان ئىلمى نەتىجىسى ئىسلامغا قارشى كەلمەيدۇ.

ئاللاھغا ئىشەنمىگەن، ئىتائەت قىلمىغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشمىگەن كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەردىن پەقەت ئۆزى يولغا قويغاننى قوبۇل قىلىدۇ، ئىنسان ئاللاھنىڭ مۇكاپات بېرىشىنى ئۈمىت قىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولىدۇ؟. ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن بارلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان ئېيتقان ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىلاھى چاقىرىقنىڭ ھەممىسىنىڭ نىشانى: ھەق دىن ئىنساننى ئۇلۇغ قىلىدۇ، بەندە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خالىس ئىتائەت قىلىدىغان بولىدۇ، ئىنساننى بەندىنىڭ ياكى ماددىنىڭ ياكى خۇراپاتنىڭ قۇلچىلىقىدىن ئازاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنى سىز كۆرگەندەك، كىشىلەرنى ئۇلۇغلىمايدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ ئۈستىگە قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى رەب ۋە ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىسلامدا تەۋبىنى يولغا قويدى، ئۇ بولسىمۇ: ئىنساننىڭ ئۆز رەببىگە قايتىشى، گۇناھنى تەرك قىلىشىدۇر، ئىسلام ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ، تەۋبە گۇناھلاردىن تەۋبىدىن بۇرۇنقىنى يوق قىلىدۇ، ئىنساننىڭ باشقا كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

ئىسلامدا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە بىۋاستە بولىدۇ، ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ ۋاستە بولىشىغا ھاجەت يوق، ئىسلام دىنى بەندىنى ئىلاھ قىلىشتىن ياكى پەرۋەردىگارلىق ياكى ئىلاھلىقتا ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن چەكلەيدۇ.

بۇ رىسالىنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسلىتىمىزكى، ئىنسانلار ياشىغان زامانىنىڭ ئوخشىماسلىقى، مىللىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، شەھەر-رايۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بەلكى ئىنسانلار جەمىيتىنىڭ ھەممىسىنىڭ پىكىردە، غايە-مەقسەتتە ئوخشىماسلىقى، قىلىۋاتقان خىزمىتىنىڭ ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ پەرقلىق بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى، يۈزلەندۈرگۈچى، بىر سېستىمغا جۇغلىغۇچى، ۋە ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى بىر ھاكىمنىڭ بولىشى زۆرۈر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاملار ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن شۇ ئىشلارغا ئىگە بولاتتى، كىشىلەرنى ياخشىلىققا ۋە توغرا يولغا باشلايتتى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە جۇغلايتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدە ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئىلاھى ئەلچىلىك دەۋرىنىڭ يېقىن بولىشى بىلەن تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىق ھېسابى بويىنچە تەقسىم قىلاتتى، ئاللاھ تائالا ئەلچىلىك رىسالىسىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك رىسالىسى بىلەن تاماملىدى، بۇ ئەلچىلىكنى قىيامەتكىچە قالىدىغان قىلدى، بۇنى ئىنسانلارغا ھىدايەت، رەھمەت، نۇر ۋە ئاللاھقا يېتىدىغان يولغا باشلايدىغان قىلدى.

ئەي ئىنسان! شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى ئەگەشمىچىلىك ۋە دىنغا زىت بولغان ئۆرپ-ئادەتتىن خالى، سەمىيمىلىك بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن تۇرۇشقا چاقىرىمەن. سىز ئۆلگەندىن كېيىن رەببىڭىزنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز، سىز ئۆزىڭىزگە ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كائىناتقا نەزەر سىلىڭ، مۇسۇلمان بولسىڭىز دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىسىز، ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولۇشنى مەقسەت قىلسىڭىز، پەقەت«ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسىڭىز، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ئادا-جۇدا بولسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قەبرىدىكى كىشىلەرنى قوزغايدىغانلىقىغا ۋە ھېساب بىلەن جازانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئېشىنىپ، شاھادەت كەلتۈرسىڭىز مۇسۇلمان بولىسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ناماز، روزا، زاكات، (يول جەھەتتىن قادىر بولغانلارغا پەرز بولغان) ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىڭىز پەرز بولىدۇ.

تارىخ ھىجرىيە 19/11/1441.

ئۇستاز دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سۇھەيم.

ئىسلام دەرىسلىكلەر بۆلىمىنىڭ ئەقىدە ئۇستازى

پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىېسىتى تەربىيە پاكۇلتېتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رىياد.

‫ئىسلام

‫قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى كۆرە ئىسلام توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە.