ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىنغان
كاتوگورىيەلەر
Full Description
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]
پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2010 - 1431
﴿ما عند الله خير وأبقى﴾
«باللغة الأويغورية»
فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: ن. تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2010 - 1431
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
2010-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ھەقىقى خۇرسەنلىك گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىپ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
ھەقىقى خۇرسەنلىك ياخشى كۆرگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىش پاك نەپسنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، قەلب بۇنىڭغا مايىل بولىدۇ. ئەقىل ئىگىسى ئىنسان بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش بىلەن سايىدەك تىز يوقىلىدىغان دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىگە رىغبەتلىنىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەقىقى خۇرسەنلىك ۋە كاتتا نىجاتلىق پەقەت گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىپ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خوشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان دۇنيا-ماللىرىدىن ياخشىدۇر». [سۈرە يۇنىس 58-ئايەت].
ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى(بىرلىك ھەم بارلىقىنى)، ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، دۇئا، مەيلى ئاللاھتىن ياردەم سوراش بولسۇن ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىش كېرەك. چۈنكى تەۋھىد دىننىڭ ئاساسىدۇر. ناماز ۋە نامازدىكى خاتىرجەملىكنى قوغداش، ئۇنى رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن يول بىلەن ئوقۇش لازىم. كىمكى نامازنى دۇرۇس قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى دۇرۇس بولىدۇ ۋە دۇنيا ئاخىرەتتىكى كۈنلىرى بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى خوشال كەيپىيات ئىچىدە تۈگىتىپ، ئۆز ئانا دىيارىغا قايتىشماقتا. ھاجىلار ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى ۋە ھەجنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى ئىمانى ئۆزۈقنى داۋاملىق كۈچلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئارىسىدا ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا ئۈلگە بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ھەج قىلغۇچى كىشى ھەج پائالىيىتى جەريانىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىق قېرىنداشلىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ھاياتىدا ئۈلگە قىلىپ ياشىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ئۆز ئارا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى. ئسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ئارقىلىق ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇمكىن.